باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

جۇڭگو بوكس كوماندىسىنىڭ توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى قەسەمياد يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى

2019.01.29 13:41   مەنبە: خەلق تورى

جۇڭگو بوكس كوماندىسىنىڭ توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى قەسەمياد يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 27-يانۋار چۈشتىن بۇرۇن، «پۈتۈن كۈچنى يىغىپ، توكيونى نىشانلاش» 2018-يىللىق جۇڭگو بوكس جەمئىيىتى يىللىق يىغىنى ۋە جۇڭگو بوكس كوماندىسىنىڭ توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى قەسەمياد يىغىنى خەلق سارىيىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش زالىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى، دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى گاۋ جىدەن، دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى شۈ شياڭخۇڭ، جۇڭگو بوكىسچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، جۇڭگو بوكس كوماندىسىنىڭ باش تىرېنېرى جاڭ چۈەنلياڭ، دۇنيا بوكس كەسپىي نەتىجىسى ئىسپات بېرىش تەشكىلاتىنىڭ لىدېرى رۇئېتتىن ۋە مەملىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلىرى ۋە ئورۇنلارنىڭ تۈر مەسئۇل رەھبەرلىرى ھەم دۆلەت كوماندىسىنىڭ تىرنېر- ماھىرلىرى بۇ قېتىمقى يىغىنغا قاتناشتى. يىغىندا، جۇڭگو بوكسچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، جۇڭگو بوكس كوماندىسىنىڭ باش تىرېنېرى جاڭ چۈەنلياڭ جۇڭگو بوكس تەنھەرىكىتى جەمئىيىتىنىڭ 2018-يىللىق ئالاقىدار خىزمەتلىرىنى ۋە دۆلەت كوماندىسىنىڭ نەتىجىسىنى خۇلاسىلىدى ھەمدە جۇڭگو بوكس كوماندىسىنىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تەييارلىق قىلىش ئالدىن مەشىقى توغرىسىدا تېخىمۇ ئىنچىكە پىلانلاش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدى. ئاخىرىدا، جۇڭگو بوكس كوماندىسىنىڭ توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى قەسەمياد مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى، تەنھەرىكەتچى ۋە تىرېنېرلار ۋەكىللىرى بىردەك مۇنداق قارىدى: توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقە مەيدانىدا دۆلەت بايرىقىمىزنى چىقىرىپ، دۆلەت شېئىرىنى ئېيتىش ئۈچۈن، پائال تەييارلىق كۆرۈپ، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىپ، پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئاتلىنىمىز.

  2017-يىلى 11-ئايدا جۇڭگو دۆلەت بوكس كوماندىسى رەسمىي قۇرۇلغاندىن تارتىپ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تەييارلىق خىزمىتى باشتىن- ئاخىر بۇ ئەترەتنىڭ يادروسى ۋە ئەڭ مۇھىم ئىشى بولۇپ كەلدى. 2018-يىلى 6-ئايدا، جۇڭگو بوكسچىلار جەمئىيىتىنىڭ گۈيياڭدا ئېچىلغان «2020-يىللىق توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ بوكس تۈرىگە تەييارلىق قىلىش مەشىق خىزمىتى يىغىنى»دا، ئىجادىي ھالدا توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى «ئۈچ قەدەملىك» ئىستراتېگىيەلىك پىلانى ئوتتۇرىغا قويۇلدى: بىرىنچى قەدەمدە، يەنى 2018-يىلى تەييارلىق باسقۇچى. بۇ باسقۇچتا دۆلەت كوماندىسىدىكىلەر يىغىلىپ مەشىق قىلىپ، مەشىق ئىدىيەسىنى ئۆزگەرتىپ، قەتئىي ھالدا تېخنىكىنى باشلامچى قىلىپ، ياخشى تاكتىكا ئاساسىنى تۇرغۇزۇش مەقسەت قىلىندى. ئىككىنچى قەدەم بولسا، 2019-يىلى «يۇقىرى كۆتۈرۈش باسقۇچى». بۇ باسقۇچتا، مەشىق سەۋىيەسى ۋە ئەمەلىي مۇسابىقە قىلىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، «سىرتقىمۇ چىقىپ، تەكلىپمۇ قىلىپ ئەكىرىپ»، خەلقئارادا ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، بىرىكمە تىپىدىكى كاپالەت كوللېكتىپىنى بەرپا قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش. 3-قەدەمدە، توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش دەرىجىسى ۋە تەنھەرىكەتچىلەرگە قارىتا مەخسۇس مەشىق كاپالىتى كوللېكتىپى قۇرۇپ، تېخنىكا، تاكتىكا مەسىلىسىنى نۇقتىلىق ھەل قىلىپ، بەدەن ئىقتىدارى، سۈرئەت ۋە كۈچنى ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى كۆتۈرگەن ئاساستا مەخسۇس ئىقتىدار مەشىقىنى گەۋدىلىك ئېلىپ بېرىش ھەمدە ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە كۆرۈلۈش ئېھتىمالى بولغان مەسىلىلەرگە قارىتا لايىھە تۈزۈپ، مەخسۇس ئادەم مەسئۇل بولۇش، قىلچە نۇقسان چىقماسلىققا كاپالەتلىك قىلىش، توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىكى نىشان، ۋەزىپىلەرنى ئوڭۇشلۇق تاماملاش مەقسەت قىلىندى.

  يىغىندا يەنە 2018-يىللىق مۇنەۋۋەر تەنھەرىكەتچىلەر، مۇنەۋۋەر مەشقاۋۇل، مۇنەۋۋەر رېپىر ۋە مۇنەۋۋەر ھەمكارلاشقۇچى ئورۇنلار ۋەكىللىرى تەقدىرلەندى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى مەشىق بازىسى ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى بوكس باشقۇرۇش مەركىزى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 2018-يىللىق مۇنەۋۋەر كاپالەت كوللېكتىپى ۋە 2018-يىللىق گەۋدىلىك تۆھپە قوشقۇچى ئورۇن نامىغا ئېرىشتى.

  جۇڭگو بوكسچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، جۇڭگو بوكس كوماندىسىنىڭ باش تىرېنېرى جاڭ چۈەنلياڭ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ بوكس كوماندىسى ئىزچىل جۇڭگو بوكس كوماندىسىنىڭ مۇھىم ۋە ئاساسلىق تەشكىل قىلغۇچى كۈچى بولۇپ، كۆپ يىللاردىن بۇيان، بولۇپمۇ يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ بوكس كوماندىسى دۆلىتىمىز بوكسچىلىقىدا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرۇپ كەلمەكتە. نۆۋەتتە، شىنجاڭ كوماندىسىدىكى ئابدۇشۇكۈر مىجىت، مەمەتتۇرسۇن چوڭ قاتارلىق تىرېنېر ۋە ماھىرلار ھەمدە ئىككى چەت ئەللىك تىرېنېر ئىزچىل تىرىشىپ، كەسىپكە بېرىلىپ، جۇڭگو بوكسچىلىقى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇپ كەلمەكتە. شىنجاڭ بوكس كوماندىسىنىڭ نەتىجىسىنىڭ تېخىمۇ ياخشى بولۇشىنى، توكيو ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە ئېلىمىز ئۈچۈن نەتىجە قازىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن!

  جۇڭگو بوكسچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، ئاۋام ۋە ياشلار-ئۆسمۈرلەر تەرەققىيات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لياڭ يۈەن مۇنداق دېدى: ئاۋام ۋە ياشلار-ئۆسمۈرلەرنى بايقاش، تەربىيەلەش ۋە يېتىشتۈرۈش خىزمىتى ئېلىمىز بوكسچىلىقىنىڭ ئۇزاق ۋە ساغلام تەرەققىي قىلىشىدىكى مۇھىم ئاساس، ياخشى ئۆلچەم ۋە ياخشى بولغان تۈزۈلمە ئارقىلىق مايسىلارنى بايقاش، مۇنەۋۋەر ماھىرلارنى يېتىشتۈرۈش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ رولى ناھايىتى مۇھىم. شىنجاڭ بوكس كوماندىسى ئۈستىدە توختالساق، شىنجاڭ بوكسچىلىقى شىنجاڭنىڭ بىر ئەۋزەل تەنتەربىيە تۈرى، ئىزچىل دۆلەت كوماندىسىنى مۇنەۋۋەر ماھىرلار بىلەن تەمىنلەپ كەلمەكتە، ياش بوكسچىلارنى يېتىشتۈرۈشتىمۇ شۇنداق، ھەر نۆۋەتلىك ئولىمپىك مۇسابىقىلىرىدە شىنجاڭنىڭ بوكس ماھىرلىرى دۆلىتىمىز كوماندىسىدا مۇھىم ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئالىدۇ.

  



  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئاز بىر قىسىم ئۆلكىلەردىكى ئالاھىدە ئىش ئورنى ئوقۇتقۇچىلىرى تۇراقسىز بولماقتا
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئالتە ئۆلكىدىكى قىسمەن مەكتەپلەردە مەكتەپ ۋە سىنىپلاردا ئوقۇغۇچى زىيادە كۆپ ب…
    ·ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تىزىملىتىش يوللىرىنى كۆپەيتىپ، تىزىملىتىش ۋاقتىنى ئۇزارتىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىندى
    ·ئۆگىنىش تۈرىدىكى App كارخانىلىرى كەسىپ ئىنتىزامچانلىق تەشەببۇسنامىسى ئېلان قىلدى
    ·شىنجاڭدا ئوقۇغۇچىلارنى ئوقۇتۇش قوشۇمچە ماتېرىيالى سېتىۋېلىشقا مەجبۇرلاشقا بولمايدۇ
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، زىيانلىق APP دېتاللىرىنىڭ ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە كىرى…
    ·ھەر بىر ئوقۇغۇچى ھەر مەۋسۇمدە ئاز دېگەندە ئىككى قېتىم مۇنەۋۋەر فىلىملەرنى ھەقسىز كۆرۈشى كېرەك 
    ·«پىسخىكىسى كۈچلۈك بالىلار»نى تەربىيەلەپ چىقىشتىكى بەش قائىدە
    ·ئۆزگىچە ئۇسلۇبتا شىنجاڭ بويىچە ئۈلگىلىك مەكتەپ بەرپا قىلدى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ ئىشقا ئورۇنلاشسا، ئا…