خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 27-يانۋار چۈشتىن بۇرۇن، «پۈتۈن كۈچنى يىغىپ، توكيونى نىشانلاش» 2018-يىللىق جۇڭگو بوكس جەمئىيىتى يىللىق يىغىنى ۋە جۇڭگو بوكس كوماندىسىنىڭ توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى قەسەمياد يىغىنى خەلق سارىيىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش زالىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى، دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى گاۋ جىدەن، دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى شۈ شياڭخۇڭ، جۇڭگو بوكىسچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، جۇڭگو بوكس كوماندىسىنىڭ باش تىرېنېرى جاڭ چۈەنلياڭ، دۇنيا بوكس كەسپىي نەتىجىسى ئىسپات بېرىش تەشكىلاتىنىڭ لىدېرى رۇئېتتىن ۋە مەملىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلىرى ۋە ئورۇنلارنىڭ تۈر مەسئۇل رەھبەرلىرى ھەم دۆلەت كوماندىسىنىڭ تىرنېر- ماھىرلىرى بۇ قېتىمقى يىغىنغا قاتناشتى. يىغىندا، جۇڭگو بوكسچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، جۇڭگو بوكس كوماندىسىنىڭ باش تىرېنېرى جاڭ چۈەنلياڭ جۇڭگو بوكس تەنھەرىكىتى جەمئىيىتىنىڭ 2018-يىللىق ئالاقىدار خىزمەتلىرىنى ۋە دۆلەت كوماندىسىنىڭ نەتىجىسىنى خۇلاسىلىدى ھەمدە جۇڭگو بوكس كوماندىسىنىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تەييارلىق قىلىش ئالدىن مەشىقى توغرىسىدا تېخىمۇ ئىنچىكە پىلانلاش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدى. ئاخىرىدا، جۇڭگو بوكس كوماندىسىنىڭ توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى قەسەمياد مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى، تەنھەرىكەتچى ۋە تىرېنېرلار ۋەكىللىرى بىردەك مۇنداق قارىدى: توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقە مەيدانىدا دۆلەت بايرىقىمىزنى چىقىرىپ، دۆلەت شېئىرىنى ئېيتىش ئۈچۈن، پائال تەييارلىق كۆرۈپ، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىپ، پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئاتلىنىمىز.