باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى ئالتە تۈرلۈك مەخسۇس قاتناش تەرتىپىنى تۈزەش ھەرىكىتىنى مەركەزلىك قانات يايدۇرىدۇ

2019.01.29 16:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتىدىن ئىگىلىشىچە، چاغاننىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، بۇ ئەترەت ئالتە چوڭ مەخسۇس قاتناش تەرتىپىنى تۈزەش ھەرىكىتىنى مەركەزلىك قانات يايدۇرۇپ، 2019-يىللىق چاغانلىق يولۇچى توشۇشنىڭ قاتناش بىخەتەرلىكىنى قوغداش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى ئىشلەيدىكەن.

  بۇ ئالتە مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتى بولسا: چاغانلىق يولۇچى توشۇشنىڭ يۇقۇرى پەللىسىنى چۆرىدەپ، يولۇچى توشۇش ئاپتوموبىللىرىنىڭ قاتناش بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشنى ياخشى ئىشلەش؛ پوجاڭزا، خەتەرلىك خىمىيەلىك بۇيۇملارنى توشۇغۇچى ئاپتوموبىللارنىڭ قاتناش قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىش ھەرىكىتىنى نۇقتىلىق تۈزەش؛ مال سېتىۋېلىش مەركىزى، نەزىر-چىراغ، تىلاۋەت سورۇنى، ئويۇن-تاماشا سورۇنى قاتارلىق ئاپتوموبىل كۆپ توپلىشىدىغان سورۇنلاردىكى قاتناش تەرتىپىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش؛ ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەشنى مەخسۇس تۈزەشنى قانات يايدۇرۇش؛ يېزا رايونلىرىدىكى قاتناش تەرتىپىنى تۈزەشنى كۈچەيتىش؛ «قارا تاكسى»، «ئاپتوموبىل باندىتى، يول زومىگىرى» قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا زەربە بېرىش سالمىقىنى زورايتىش.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتىنىڭ ھەر قايسى ۋەزىپە ئىجرا قىلىش چوڭ ئەترەتلىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەتىلگە چىقىشى، ئىشلەمچىلەرنىڭ يۇرتىغا قايتىشى، چاغاندىن كېيىنكى قايتىش سەپىرىگە ئاتلىنىش، تۇغقان يوقلاش سەپىرى قاتارلىق قاتناش-تىرانسپورت ئالاھىدىلىكلىرىگە ئاساسەن، تۆمۈريول ئۈرۈمچى ۋوگزالى، ئاپتوموبىل يولۇچى توشۇش بېكىتى، ئايرودۇرۇم قاتارلىق قاتناش تۈگۈنى ئەتراپىدىكى يوللارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، يول يۈزى قانۇن ئىجرا قىلىش، قوماندانلىق قىلىش ۋە يېتەكلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى قانۇنغا خىلاپ توختىتىش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، قاتناش تۈگۈنى ئەتراپىدىكى يوللاردا قاتناش تەرتىپىگە ياخشى كاپالەتلىك قىلىدۇ. تەۋەلىكىدىكى قاتناش ئىدارىسى بىلەن ئالاقىلىشىشنى كۈچەيتىپ، قاتناش قانۇنىغا خىلاپ قىلمىشلار يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بولغان نۇقتىلىق مەزگىل ۋە نۇقتىلىق يول بۆلەكلىرىدە تەكشۈرۈش نۇقتىلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، يولۇچى توشۇش ئاپتوموبىللىرىنىڭ سۈرئەتنى ئاشۇرۇپ ھەيدەش، مىقداردىن ئاشۇرۇپ ئادەم سېلىش، بىخەتەرلىك تاسمىسىنى تاقىماسلىق، چارچاپ ئاپتوموبىل ھەيدەش قاتارلىق تۈرلۈك قاتناش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلىش ئەھۋاللىرىنى تەكشۈرۈپ تۈزىتىدۇ ۋە ئۇنى توسۇپ، يولۇچى توشۇش ئاپتوموبىلنىڭ بىخەتەر يۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر