باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى بازارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىختىساسلىقلارنىڭ راۋان، تەرتىپلىك يۆتكىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىملىقىنى تەكىتلىدى

2019.01.29 19:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى يېقىندا «بازارنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىختىساسلىقلارنىڭ راۋان، تەرتىپلىك يۆتكىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»نى تارقاتتى. بۇ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىختىساسلىقلار خىزمىتى ساھەسىدىكى ئىختىساسلىقلارنى يۆتكەش، تەقسىملەش توغرىسىدىكى تۇنجى ئىسلاھات خاراكتېرلىك ھۆججەت.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار تەكىتلەندى: بازارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىختىساسلىقلارنىڭ راۋان، تەرتىپلىك يۆتكىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە بەش پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. بىرىنچى، پارتىيەنىڭ ئىختىساسلىقلارنى باشقۇرۇشىدا چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئۇلۇغ كۈرىشىگە جەلپ قىلىش كېرەك؛ ئىككىنچى، تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باشتىن-ئاخىر پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا بويسۇنۇش ۋە مۇلازىمەت قىلىشنى ئىختىساسلىقلارنى يۆتكەش، تەقسىملەش خىزمىتىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى قىلىش كېرەك؛ ئۈچىنچى، بازارنىڭ يېتەكچىلىك قىلىشىدا چىڭ تۇرۇپ، بازارنىڭ ئىختىساسلىقلار بايلىقىنى تەقسىملەشتىكى ھەل قىلغۇچ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش لازىم؛ تۆتىنچى، ھۆكۈمەت ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىختىساسلىقلارنىڭ يۈرۈشۈش، تەقسىملەش ماكرولۇق تەڭشەش-تىزگىنلەش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەتنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك؛ بەشىنچى، ئۆلچەملىك، تەرتىپلىك بولۇش، ئىختىساسلىقلارنىڭ سەمىمىيەت ئېڭى، تەلەپچانلىق ئېڭىنى كۈچەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىختىساسلىقلارنىڭ قانۇن- بەلگىلىمە بويىچە ياخشى سۈپەتلىك، تەرتىپلىك يۆتكىلىشكە تەشكىللەش كېرەك. «پىكىر»دە ئىختىساسلىقلارنىڭ كۆچمە بازار مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئىختىساسلىقلارنىڭ يۈرۈشۈش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇش، ئىختىساسلىقلارنىڭ يۈرۈشۈش تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ئىختىساسلىقلارنى يۈرۈشتۈرۈش مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنىڭ تۆت جەھەتتىكى 16 ماددىلىق قاراتمىلىق تەدبىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر