باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

چاغانلىق پائالىيەت نۇرغۇن دۆلەتتە ئۆتكۈزۈلدى

2019.01.29 09:45         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگونىڭ دېھقانلار كالىندارى بويىچە يېڭى يىلىنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، «ھارپا تامىقى» «شادىمان چاغان» «جۇڭخۇا ئىلىگە چىن مۇھەببەت. بېيجىڭغا مۇھەببەت» پائالىيەتلىرى ئىسپانىيە، تۇنىس، پېرۇ، نورۋىگىيەدە ئۆتكۈزۈلۈپ، شۇ جايدىكى ئامما ۋە جۇڭگو مۇھاجىرلىرى، جۇڭگولۇقلارغا مەززىلىك نازۇ-نېمەتلەرنى ئېلىپ باردى، ئۇلارنى قويۇق بايراق كەيپىياتتىن بەھىرلەندۈردى.

  ئىسپانىيەدىكى ئون نەچچە تاراتقۇ مۇخبىرى ۋە تور يېمەك-ئىچمەك بلوگ ئىگىسى قاتارلىقلار 1-ئاينىڭ 25-كۈنى پايتەخت مادىرىتتىكى بىر مېھمانسارايدا ھەقىقىي جۇڭگوچە غىزا «ھارپا تامىقى»غا ئېغىز تەگدى. جۇڭگو بىلەن ئىسپانىيەنىڭ يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ ئىسپانىيە ئاممىسىنى جۇڭگوچە تائاملارغا بولغان چۈشەنچىگە ئىگە قىلىش مەقسىتىدە، جۇڭگونىڭ ئىسپانىيەدىكى باش ئەلچىخانىسى «ھارپا تامىقى»پائالىيىتىنى ئۇدا تۆت يىل ئۆتكۈزدى.

  «شادىمان چاغان» ئەدەبىيات-سەنئەت ئويۇنى 1-ئاينىڭ 25-كۈنى كەچتە تۇنىسنىڭ پايتەختى تۇنىستىكى مەدەنىيەت شەھەرچىسىدە ئۆتكۈزۈلدى، يەرلىك تەخمىنەن 700چە كىشى تۇنىستىكى جۇڭگو مۇھاجىرلىرى ۋە جۇڭگولۇقلار بىلەن بىرگە جۇڭگو ئىچكى موڭغۇل سەنئەت ئۆمىكىنىڭ قويۇق مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئېسىل ئويۇنلىرىدىن ھۇزۇرلاندى.

  شۇ كۈنى جۇڭگو ناخشا ئۇسسۇل تىياتىرى پېرۇنىڭ پايتەختى مالىدا «شادىمان چاغان» ئويۇنىنى قويۇپ، نەق مەيداندىكى مىڭدىن ئارتۇق يەرلىك ئامما ۋە جۇڭگو مۇھاجىرلىرى، جۇڭگولۇقلارغا بىر مەيدان ئېسسىل مەدەنىيەت كاتتا مەرىكىسىنى ھەدىيە قىلدى.

  1-ئاينىڭ 25-كۈنى كەچتە، «جۇڭخۇا ئىلىگە چىن مۇھەببەت. بېيجىڭغا مۇھەببەت، بېرگېندا ئۇچرىشايلى» ناملىق 2019-يىللىق چاغانلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى نورۋىگىيەنىڭ غەربىدىكى بېرگېن شەھىرىدىكى غەربىي نورۋىگىيە قوللىنىشچان پەن-تېخنىكا داشۆسىنىڭ پروگرامما زالىدا ئۆتكۈزۈلدى. شۇ جايدىكى نەچچە يۈز ئامما ۋە جۇڭگو مۇھاجىرى، جۇڭگولۇق شادىيانە كەيپىيات ئىچىدە ناخشا ئۇسسۇل، چامباشچىلىق، سېرىك قاتارلىق ئېسىل نومۇرلاردىن ھوزۇرلاندى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر