باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئاداققىچە داۋاملاشتۇرايلى» ناملىق كىتاب نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

2019.01.28 10:03         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى ئاممىباب نەزەرىيەۋى ئوقۇشلۇق − «ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئاداققىچە داۋاملاشتۇرايلى» يېقىندا شىنخۇا نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەتكە تارقىتىلدى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان سۆزى، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشكە كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان خادىملارنى تەقدىرلەش توغرىسىدىكى قارارى» كىرگۈزۈلگەن ئاساستا، پۈتۈن كىتاب «جۇڭگونىڭ ئىسلاھاتى يەنە يەلكەن چىقىرىپ ئىلگىرىلىمەكتە»، «ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئاداققىچە داۋاملاشتۇرايلى»، «جۇڭگو ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش خىتابنامىسىنىڭ دۇنياۋى ئىنكاسى»دىن ئىبارەت ئۈچ بابقا بۆلۈنگەن. 1- باب «جۇڭگونىڭ ئىسلاھاتى يەنە يەلكەن چىقىرىپ ئىلگىرىلىمەكتە»دە شياۋگاڭ روھى، شېنجېن تەرەققىيات مۆجىزىسى، پۇدۇڭ ئىلھاملىرى، بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرى قاتارلىق جەھەتلەردىن ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىق تەرەققىيات مۇساپىسى خاتىرىلەنگەن، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى يېتەكلەش خاتىرىسى، قولغا كەلتۈرگەن ئۇلۇغۋار مۇۋەپپەقىيەتلىرى رەتلەپ چىقىلغان؛ 2- باب «ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئاداققىچە داۋاملاشتۇرايلى»غا شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى يەتتە پارچە ئوبزورچى ماقالىسى كىرگۈزۈلگەن؛ 3- باب «جۇڭگو ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش خىتابنامىسىنىڭ دۇنياۋى ئىنكاسى»دا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ جۇڭگونىڭ ئىسلاھاتنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشى، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشىگە بولغان تولۇپ تاشقان ئىشەنچى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. «ئىلاۋە» قىسمىغا «ئەمەلىيەت ھەقىقەتنى ئۆلچەيدىغان بىردىنبىر ئۆلچەم»، «ۋۇچاڭ، شېنجېن، جۇخەي، شاڭخەي قاتارلىق جايلاردىكى سۆھبەتنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى»دىن ئىبارەت ئىككى پارچە نادىر ئەسەر كىرگۈزۈلگەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر