باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

بىرازىلىيەدىكى بىر تۆمۈر رودىسى كېرەكسىز ماتېرىياللار كېنىنىڭ توسمىسىنى يار ئېلىپ كەتتى

2019.01.29 09:44         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىرازىلىيە ئۆت ئۆچۈرۈش تارمىقى تۈنۈگۈن كەچقۇرۇن خەۋەر ئېلان قىلىپ، مىناس جېرىئاس ئىشتاتىدىكى بىر تۆمۈر رودىسى كېرەكسىز ماتېرىياللار كېنىنىڭ توسمىسىنى 1-ئاينىڭ 25-كۈنى يار ئېلىپ كەتتى، ۋەقەدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 34كە كۆپەيدى، دېدى.

  ۋەقەدە بىرازىلىيە تاتلىق سۇ كۆلى شىركىتىنىڭ شۇ يەردىكى بىر تۆمۈر رودىسى كېرەكسىز ماتېرىياللار كېنىنىڭ توسمىسىنى يار ئېلىپ كەتتى، توسما ئىچىدىكى كېرەكسىز كان ماتېرىياللىرى 12 مىليون 300 مىڭ كۇپ مېتىر ئىكەن. يار ئېلىپ كەتكەندىن كېيىن، زور مىقداردىكى لاتقا ئېقىن ۋە ئەخلەتلەر تېز سۈرئەتتە تاتلىق سۇ كۆلى شىركىتىنىڭ بۇرمادىنخو شەھىرىدىكى باش ئورگىنى ۋە ئەتراپدىكى بىر قىسىم كەنتلەرگە ھۇجۇم قىلىپ، نۇرغۇن ئىمارەت ۋە ئۆيلەرنى ئۆرۈۋەتتى.

  بىرازىلىيە فېدىراتسىيە ھۆكۈمىتى ۋە مىناس جېرىئاس ئىشتاتلىق ھۆكۈمەت ۋەقە يۈز بەرگەدىن كېيىن دەرھال كىرىزىس كومىتېتى تەشكىللەپ، نۇرغۇن تارماقتىن نەچچە يۈز قۇتقازغۇچىنى قۇتقۇزۇشقا تەشكىللىدى. ئوت ئۆچۈرۈش تارماقلىرى قۇتقۇزۇش خىزمىتىنىڭ نەچچە ھەپتە داۋاملىشىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىدى.

  خەۋەرگە قارىغاندا، ھازىرغىچە 189 ئادەم قۇتقۇزۇلغان، 299 ئادەم يوقاپ كەتكەن. تاتلىق سۇ كۆلى شىركىتى 265 خىزمەتچىسىنىڭ ھازىرغىچە ئىزدېرىكى بولمىغانلىقىنى بىلدۈردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر