باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئاخبارات خىزمەتچىلىرى باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىپ مۇنداق بىلدۈردى

مەسئۇلىيەت، بۇرچنى زىممىمىزگە ئېلىپ، يۇغۇرما تەرەققىياتنى تېزلىتىمىز

2019.01.28 09:48         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  1- ئاينىڭ 25- كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 12- قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىگە رىياسەتچىلىك قىلغاندا، تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى چوڭقۇرلاپ راۋاجلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدا ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ يەنە پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ ئاخبارات خىزمەتچىلىرىگە بولغان سەمىمىي ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەم چاغانلىق بەخت تىلىدى.

  باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاخبارات خىزمەتچىلىرىنى ھەسسىلەپ ھاياجانلاندۇردى، ئۇلارنى ئىلھاملاندۇردى، كۆپچىلىك بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى كوللېكتىپ ئۆگىنىشتە، تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى بىر تۈرلۈك مەخسۇس تېمىدىكى ئۆگىنىش مەزمۇنى قىلىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئاخبارات ئاممىۋى پىكرى تەشۋىقات خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى. كۆپچىلىك بەس- بەستە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزى يېڭى ۋەزىيەتتىكى پارتىيەنىڭ ئاخبارات ئاممىۋى پىكرى خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەشكە يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى. بىز جەزمەن يۇغۇرما تەرەققىيات قەدىمىنى تېزلىتىپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئاكتىپ كۈچنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، ئاساسىي مېلودىيەنى تېخىمۇ ياڭرىتىمىز.

  دادىل ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، يېڭىچە ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇسى قۇرۇپ چىقىمىز

  «ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، شىنجاڭ گېزىتخانىسى (شىنجاڭ گېزىتچىلىك- تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى) پارتكومى گېزىتچىلىك گۇرۇھىنىڭ قۇرۇلۇشىنى پۇرسەت بىلىپ، زور كۈچ بىلەن گۇرۇھ ئىچىدە <گېزىت، تور، تېرمىنال، مىكرو تاراتقۇ، ئېكران>دىن ئىبارەت تۈرلۈك سۇپىلارنى ئېچىپ، پۈتۈن تاراتقۇلارنىڭ تارقىتىشىنى ئىشقا ئاشۇردى، بىرقانچە قېتىملىق مۇھىم باش تېمىلىق خەۋىرىدە، يۇغۇرما تاراتقۇ خەۋىرى ئاممىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.» شىنجاڭ گېزىتخانىسى (شىنجاڭ گېزىتچىلىك- تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى) باش مۇھەررىر ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى جېڭ يۈ مۇنداق دېدى: «ئاساسىي ئېقىم قىممىتىنىڭ تەسىر كۈچى دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، پارتىيەنىڭ ساداسىنى تېخىمۇ ئوچۇق تارقىتىش، تېخىمۇ كەڭ تارقىتىش، تېخىمۇ چوڭقۇر تارقىتىش باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىزگە قويغان يېڭى تەلىپى، يېڭى ئۈمىدى. پارتىيە گېزىتىنىڭ خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز باش شۇجىنىڭ تەلىپى بويىچە، تاراتقۇلارنى چوڭقۇر يۇغۇرۇش ئەمەلىيىتىگە پائال ئاتلىنىپ، كۆچمە بولۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ئىستراتېگىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، بۇلۇت سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى پائال يولغا قويۇپ، ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇلىرىنىڭ تارقىتىش كۈچى، يېتەكلەش كۈچى، تەسىر كۈچى، ئاممىۋى ئىشەنچ كۈچىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مەنىۋى كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشىمىز.»

  «تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرۇلۇشى دەۋر تېمىسى، تەخىرسىز ۋەزىپە.» بىڭتۈەن رادىيو- تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى زىيارەت مەركىزى پىلانلاش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ بو مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، بىڭتۈەن رادىيو- تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا «ئىستانسا، تور، تېرمىنال، مىكرو تاراتقۇ، ئېكران» بىلەن ئومۇميۈزلۈك قاپلاش شەكىللەندى. «مەيلى سىز ئېگىز بىنالاردا سودا تۈرلىرى بىلەن مەشغۇل بولۇڭ، ياكى ئېتىز- ئېرىقلاردا يەر تېرىش، چارۋا بېقىش ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن شۇغۇللىنىڭ، مەيلى سىز كاماندىروپكىغا چىقىپ تەكشۈرۈشتە بولۇڭ، ياكى ساياھەتكە چىقىپ ئارام ئېلىڭ، بىز ھەر ۋاقىت ئوقۇرمەن تاماشىبىنلارغا ھەمراھ بولىمىز.» جاڭ بو مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ تىرىشچانلىقىمىز ئوقۇرمەن تاماشىبىنلارنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشتى، بىز تەييارلىغان نۇرغۇن تاراتقۇ يۇغۇرما مەھسۇلاتلاردا 100 مىڭ + چېكىلىش مىقدارى ئىشقا ئاشۇرۇلدى.»

  كۇچا ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى لو جۈەن مۇخبىرغا: كۇچا ناھىيەسى يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى بۇلتۇر 10- ئايدا ۋىۋىسكا ئېسىپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەنلىكىنى ئېيتتى. لو جۈەن مۇنداق دېدى: باش شۇجىنىڭ سۆزى بىزگە ئېنىق يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى. كېيىنكى قەدەمدە، بىز «بىر سۇپا، ئۈچ بۆلۈم، ئىشخانا، تۆت مەركەز» يىرىك پىلان قۇرۇلۇشى تەلىپى بويىچە، مۇخبىرلىق، تەھرىرلىك، تارقىتىش تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇپ، تۈرلۈك تاراتقۇ بايلىقى، ئىشلەپچىقىرىش مۇھىم ئامىلىنى ئۈنۈملۈك بىرىكتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كۈچلۈك تەسىر كۈچى، رىقابەت كۈچىگە ئىگە يېڭىچە ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇسىنى بەرپا قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئاۋازىنى شىنجاڭدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يىلتىز تارتقۇزۇپ، چېچەكلىتىپ مېۋە بەرگۈزىمىز.

  ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئاساسىي مېلودىيەنى تېخىمۇ ياڭرىتىمىز

  ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى تيەن خۈي مۇنداق دېدى: بىز تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، پۈتۈن تاراتقۇ قۇرۇشنى ئاساسىي قاتلام تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت بازىسىنى مۇستەھكەملەشتىكى مۇھىم، زور مەسئۇلىيەت قىلىپ، تەپەككۇر يولىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تىرىشىپ ئىزدىنىپ، ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىپ، «گېزىت، تور، تېرمىنال، مىكرو تاراتقۇ، ئېكران» قاتارلىق تۈرلۈك بايلىقنى پائال ئېچىپ، ئاساسي ئېقىم ئاۋازى ۋە ئاكتىپ كۈچ بىلەن باشتىن- ئاخىر ئاممىۋى پىكىر ئېگىزلىكىنى ئىگىلەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، «چېگرا بوستانلىقى» يېڭى ئىلى بەرپا قىلىشنى ياخشى ئاممىۋى پىكىر كەيپىياتى بىلەن تەمىن ئېتىمىز.

  بىڭتۈەن گېزىتىنىڭ مۇخبىرى جو يى مۇنداق دېدى: «بىڭتۈەن گېزىتخانىسىنىڭ تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات قەدىمىنى تېزلىتىشى داۋامىدا، بىز يېڭى تېخنىكىلارنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆگىنىپ، قوللىنىپ، ئەمەلىيەتكە تېخىمۇ چوڭقۇر چۆكۈپ، تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، دەۋرنىڭ ئېھتىياجىغا ماس كېلىدىغان ئىپادىلەش شەكلىنى قوللىنىپ، تىرىشىپ لاياقەتلىك پارتىيەنىڭ سىياسەت تەشەببۇسىنى تارقاتقۇچى، دەۋر ئەھۋاللىرىنى خاتىرىلىگۈچى، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولغۇچى، ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغدىغۇچىلاردىن بولىمىز.»

  «تاراتقۇ خادىمى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش كۆرۈپ، دەۋرنىڭ تەلىپىگە يېقىندىن ئەگىشىپ، يۇغۇرما تەرەققىيات قەدىمىنى تېزلىتىپ، ئەنئەنىۋى تەپەككۇر ئەندىزىسىدە بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، يېڭى ماھارەتنى چېنىقتۇرۇپ، يېڭى نەتىجە يارىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.» شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇ مەركىزىي سۇپا بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى مۇتەللىپ ئابدۇقادىر مۇنداق دېدى: بۇ بىزدىن تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرۇلۇپ مەزمۇن ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، «مەھسۇلات تەپەككۇرى»نى پائال يېتىشتۈرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىز باشتىن- ئاخىر بايرىقىمىز روشەن ھالدا توغرا سىياسىي يۆنىلىش، ئاممىۋى پىكىر يۆنىلىشى، قىممەت يۈزلىنىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيە، مەزمۇن، شەكىل، ئۇسۇل، ۋاسىتە قاتارلىقلاردا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق، ئىجابىي تەشۋىقات سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈپ، ئاكتىپ كۈچنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، ئاساسىي مېلودىيەنى تېخىمۇ ياڭرىتىشىمىز كېرەك.

  تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، تىرىشىپ ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەۋاتقان ئارزۇغا ئىنتىلگۈچىلەردىن بولىمىز

  «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق 1- شۇجى بىلەن توردا بىۋاسىتە پىكىرلەشكەنلىكىنى كۆرۈپ، مەن ناھايىتى ئىللىقلىق ھېس قىلدىم، شۇنداقلا مەسئۇلىيىتىمنىڭ مۇھىم، زورلۇقىنى، بۇرچۇمنىڭ شەرەپلىك ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم.» شىنجاڭ گېزىتخانىسىنىڭ گۇما ناھىيەسى مۇجى بازىرى باشتېرەك كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1- شۇجى ياڭ شەنشۈن مۇنداق دېدى: «بىز ئۈندىدار توپى قۇرۇپ، ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇلىرىدىكى خەۋەرلەرنى تەھرىرلەپ ئاممىباب، چۈشىنىشلىك ئۈندىدار ئۇچۇرلىرىغا ئايلاندۇرۇپ كەنت ئاھالىلىرىگە ئەۋەتىپ، كۆپچىلىكنى ئىككى قولىغا تايىنىپ گۈزەل تۇرمۇش يارىتىشقا يېتەكلىدۇق. بۇنىڭدىن كېيىن، بىز باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى داۋاملىق چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئاخبارات خىزمەتچىلىرىنىڭ ئەستايىدىل ئېھتىياتچان بولۇش، پىكىر قىلىشقا ماھىر بولۇشتەك ئېسىل ئىستىلىنى جارى قىلدۇرۇپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۆز قەرەلىدە تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز.»

  بۇ يىل مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى تۇنجى قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشتە «دەرسخانا»نى خەلق گېزىتخانىسىنىڭ تاراتقۇلار يۇغۇرما تەرەققىياتىنىڭ بىرىنچى سېپىدە تەسىس قىلدى، بۇ شىخەنزە گېزىتخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى جياۋ يافېڭنى ناھايىتى روھلاندۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىخەنزە گېزىتخانىسى ئىزچىل تۈردە تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرۇلۇش يولى ئۈستىدە ئىزدەندى، باش شۇجىنىڭ سۆزى تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى. «بىز ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، كەسپىي ماھارىتىمىزنى ئۆستۈرۈپ، تەرەققىيات يولىنى پىلانلاپ، تارقىتىش ۋاسىتىسى، تارقىتىش شەكلىنى موللاشتۇرۇپ ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىپ، پارتىيە گېزىتىنى كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك ئاساسىي ئېقىم ئاممىۋى پىكىر بازىسىغا ئايلاندۇرىمىز.» دېدى جياۋ يافېڭ.

  1- ئاينىڭ 26- كۈنى شىنجاڭ رادىيو- تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مۇخبىرى جوۋ گۇاڭلېي قاراقاش ناھىيەسىنىڭ جاھانباغ يېزىسى دۆڭباغ كەنتىدە زىيارەت قىلىۋاتاتتى. ئاخبارات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان 15 يىلدا، ئاساسىي قاتلام بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈپ زىيارەت قىلىش خىزمەتتىكى نورمال ھالەتكە ئايلاندى. بۇ قېتىم ئۇ خوتەن ۋىلايىتىدە ئۇدا بىر ئاي زىيارەتتە بولدى. «ئەڭ ياخشى ئاخبارات ئاساسىي قاتلامدا.» جوۋ گۇاڭلېي مۇنداق دېدى: «بىر ئاخبارات خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن باش شۇجى تەلەپ قىلغاندەك ئاشۇنداق ئۆزىنى چوڭ تۇتماي، ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتىپ، ئايىغى چاققان، كۆزى ئۆتكۈر، زېھنى ئوچۇق، قەلىمى كۈچلۈك بولۇشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، تىرىشىپ ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەۋاتقان ئارزۇغا ئىنتىلگۈچىلەردىن بولۇپ، قەلەم ۋە كامېرانى ئاساسىي قاتلامغا توغرىلاپ، تۇپراقتىن ھارارىتى بار ئاخبارات ئىزدەپ، شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەيمەن.»


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر