باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

خەۋپسىزلىك كېڭىشى ۋېنېزۇئېلا ۋەزىيىتى ھەققىدە جىددىي ئاشكارە يىغىن ئاچتى

2019.01.29 09:46         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى ۋېنېزۇئېلا ۋەزىيىتى ھەققىدە جىددىي ئاشكارە يىغىن ئاچتى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سىياسىي ۋە تىنچلىق ساقلاش ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن باش كاتىپى دىكالو ھەمدە جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى ما جاۋشۈ قاتارلىقلار خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ۋېنېزۇئېلانىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش لايىھەسى ئۈستىدە ئىزدىنىشنى مۇراجىئەت قىلدى.

  دىكالو مۇنداق دېدى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى گۇتېررېس ئيېتقاندەك مۇشۇنداق ھالقىلىق پەيىتتە بارلىق ھەر قايسى تەرەپلەر ئەڭ زور چەكتە ئۆزىنى تۇتىۋېلىپ، زوراۋانلىق ۋە قارشىلىشىشنىڭ ئەۋج ئېلىپ كېتىشىدىن ساقلىنىشى زۆرۈر.

  جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى ما جاۋشۈ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو ۋېنېزۇئېلانىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىگە يېقىندىن دىققەت قىلىدۇ، ۋېنېزۇئېلادىكى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئاقىلانىلىق ۋە سوغۇققانلىق بىلەن، دۆلەت ۋە خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئەتىدىن چىقىش قىلىشىنى مۇراجىئەت قىلىدۇ. جۇڭگو ۋېنېزۇئېلا ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، مۇستەقىللىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغدايدىغان بارلىق تىرىشچانلىقلىرىنى قولللايدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر