باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرەپ نامىغا نامزات كۆرسىتىش- باھالاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى تەلەپ قىلدى

2019.01.29 15:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى «دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرەپ نامىغا نامزات كۆرسىتىش- باھالاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش»نى تارقاتتى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئۇقتۇرۇش» دېيىلىدۇ). «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: بۇ يىل جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مىللىي روھ ۋە دەۋر روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ باي، قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق، گۈزەل سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش ئاكتىپلىقىنى ئۇرغۇتۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىش ئۈچۈن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تۇنجى قېتىم دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرەپ نامىنى باھالاشنى قانات يايدۇرۇپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىياتىغا زور تۆھپە قوشقان بىر تۈركۈم تۆھپىكار نەمۇنىچى شەخسلەرنى داغدۇغىلىق تەقدىرلەشنى قارار قىلدى.

  «ئۇقتۇرۇش»تا نامزات كۆرسىتىش دائىرىسى ۋە شەرتى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. نامزات كۆرسىتىش دائىرىسى: يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان جايلار، ھەرقايسى كەسىپلەر، ھەرقايسى ساھەلەردىكى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىياتىغا كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان شەخسلەر، جۈملىدىن شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار، مۇھاجىرلار ۋە چەت ئەللىكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئالەمدىن ئۆتكەنلەرنى نامزاتلىققا كۆرسىتىشكە بولىدۇ. نامزات كۆرسىتىش شەرتىدە تۆھپىكارلىق شەرەپ تۈرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن پەرقلەر مەۋجۇت بولىدۇ. «جۇمھۇرىيەت ئوردېنى» نامزاتلىرى چوقۇم جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىياتىغا زور تۆھپە قوشقان، گەۋدىلىك تۆھپە ياراتقان، ئالىيجاناب ئەخلاق- پەزىلەتلىك، ئامما ئېتىراپ قىلغان مەشھۇر زاتلار بولۇشى كېرەك. «دوستلۇق ئوردېنى» نامزاتلىرى چوقۇم دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ۋە جۇڭگو بىلەن چەت ئەلنىڭ ئالاقە ۋە ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداشتا كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان، جۇڭگو بىلەن قەتئىي ئۇزاق مۇددەت دوستانە بولغان، ياخشى بولغان ئىجتىمائىي ئىناۋىتى بار چەت ئەللىكلەر بولۇشى كېرەك. دۆلەت شەرەپ نامى نامزاتلىرى ئىقتىساد، جەمئىيەت، دۆلەت مۇداپىئەسى، دېپلوماتىيە، مائارىپ، پەن- تېخنىكا، مەدەنىيەت، سەھىيە، تەنتەربىيە قاتارلىق ھەرساھە، ھەر كەسىپلەردە زور تۆھپىسى بار، يۈكسەك ئابرۇي قازانغان، ئالىيجاناب ئەخلاق- پەزىلەتلىك، ئامما ئېتىراپ قىلغان مەشھۇر زاتلار بولۇشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر