باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ ۋىيېتنام كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى رۇەن فۇجۇڭ بىلەن ئۆزئارا چاغانلىق تەبرىك خېتى ئەۋەتىشتى

2019.01.29 15:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1- ئاينىڭ 28- كۈنى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋىيېتنام كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى رۇەن فۇجۇڭ بىلەن ئۆزئارا چاغانلىق تەبرىك خېتى ئەۋەتىشتى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جىخەي يىلىدىكى بۇ چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا، مەن جۇڭگو كومپارتىيەسى ۋە ھۆكۈمىتىگە ھەمدە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن، ھەم شۇنداقلا شەخسەن ئۆزۈمنىڭ نامىدا، سىزگە ۋە سىز ئارقىلىق ۋىيېتنام كومپارتىيەسى ۋە ھۆكۈمىتىگە، ھەمدە ۋىيېتنام خەلقىگە چاغانلىق سەمىمىي سالىمىمنى يوللايمەن ۋە بەخت تىلەيمەن. 2018ـ يىلى بولسا، جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنام ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ۋە ھەمراھلىق مۇناسېۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 10 يىللىقى. بۇ 10 يىلدا، بىز جۇڭگو بىلەن ۋېيتنامنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى ئەۋج ئالدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پىكىر ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيىتىپ، ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىر-بىرىمىزنى قوللاپ، قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ سىياسىي يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىپ، سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈردۇق. بىز ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈشتۇق ۋە ئورتاق پايدا ئالدۇق.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر