باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ

جۇڭگو بىلەن فىرانسىيەنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 55 يىللىقىنى تەبرىكلىدى

2019.01.29 15:04         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 1- ئاينىڭ 27- كۈنى فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 55 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن فىرانسىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 55 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت ئۆزئارا ھۆرمەتلەش، ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ، پەرقلەرنى ساقلاپ قېلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىككى تەرەپ ئالاقىسى، ھەمكارلىقىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە ھەقىقىي بەخت- سائادەت ئېلىپ كەلدى. نۆۋەتتە، دۇنيا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان زور ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىگە دۇچ كەلمەكتە، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىياتى نۇرغۇن پۇرسەت ۋە خىرىسقا دۇچ كەلدى. جۇڭگو بىلەن فىرانسىيە ئوخشاشلا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەت بولۇپ، ئالاھىدە تارىخىي بۇرچ ۋە مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالغان. مەن سىز بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، كۆپ تەرەپچىلىك بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، پائال يول ئېچىپ، يېڭىلىق يارىتىپ، جۇڭگو بىلەن فىرانسىيەنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 55 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، قويۇق، ئۇزاق داۋاملىشىدىغان جۇڭگو- فىرانسىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى خالايمەن.

  ماكرون تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 55 يىل ئىلگىرى فىرانسىيە بىلەن جۇڭگونىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقى فىرانسىيە- جۇڭگو ئىككى دۆلەتنىڭ مۇستەقىل، ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش روھىنىڭ سىمۋولى. نۆۋەتتە، خەلقئارا ۋەزىيەت ئېنىقسىزلىققا تولدى، فىرانسىيە بىلەن جۇڭگو بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۆزئارا ھۆرمەتلەش، قائىدىنى ئاساس قىلغان كۆپ تەرەپچىلىك خەلقئارا تەرتىپنى قوغداش جەھەتتە ئالاھىدە رول ئويناۋاتىدۇ. مەن فىرانسىيە- جۇڭگو دوستلۇقى ۋە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، رەئىس ئەپەندى بىلەن بىرلىكتە قول تۇتۇشۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ يادرو ئېنېرگىيەسى، ئاۋىياتسىيە، يېزا ئىگىلىك يېمەكلىكلىرى، ئىقتىساد- سودا قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىككى تەرەپ ئادىمىيەت ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق يەر شارى مەسىلىلىرىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، فىرانسىيە- جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى بىر يىلدا تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىشنى خالايمەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر