باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىقى «خۇسۇسىي بالىلار باغچىسى چېكىنىپ چىقىدۇ» دېگەن قاراشنىڭ خاتا چۈشەنچە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

«پايدا ئېلىش خاراكتېرىدىكى بالىلار باغچىسى قۇرۇشقا بولمايدۇ» دېگىنى مەخسۇس مەھەللە يانداشما بالىلار باغچىسىنى كۆرسىتىدۇ

2019.01.29 17:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا بەزى تاراتقۇلار مۇناسىۋەتلىك سىياسەتنى «خۇسۇسىي بالىلار باغچىسى تارىخ سەھنىسىدىن چېكىنىپ چىقىدۇ» دەپ خاتا چۈشەندۈرگەن. مائارىپ مىنىستىرلىقى مۇنۇلارنى بىلدۈردى : «پايدا ئېلىش خاراكتېرىدىكى بالىلار باغچىسى قىلىشقا بولمايدۇ» دېگەن بەلگىلىمە مەخسۇس ئائىلە ئولتۇراق رايونلىرىدىكى مەھەللە يانداشما بالىلار باغچىسىنى كۆرسىتىدۇ، باشقا جايلاردىكى پۇقراۋى بالىلار باغچىلىرى پايدا ئېلىش خاراكتېرلىك پۇقراۋى يەسلى ياكى پايدا ئالمايدىغان پۇقراۋى يەسلى قىلىشنى يەنىلا ئۆز ئالدىغا تاللاپ، دۆلەت ۋە يەرلىك بەلگىلىگەن ئالاقىدار پۇقراۋى يەسلىلەرنى يۆلەش سىياسەتلىرىدىن بەھرىلەنسە بولىدۇ. دۆلەت سىياسىتىدىن قارىغاندا، خۇسۇسىي بالىلار باغچىسى ياكى پايدا ئالىدىغان پۇقراۋى يەسلىلەر تارىخ سەھنىسىدىن چېكىنىپ چىقىدۇ، دەيدىغان قاراش ئەسلا مەۋجۇت ئەمەس.

  «پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپىنى قېلىپلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكرى»دە مەھەللە يانداشما بالىلار باغچىسى قۇرۇلۇشنى قېلىپلاشتۇرۇش تەلەپ قىلىندى ھەمدە مەھەللە يانداشما بالىلار باغچىسى پىلانى، بەرپا قىلىش، تاپشۇرۇش، باغچا قۇرۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تۈزىتىپ، شەھەر-بازارلاردىكى مەھەللە يانداشما بالىلار باغچىلىرىنى ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى يەسلى قىلىپ قۇرۇش ياكى ھاۋالە قىلىپ ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق خەلق باشقۇرۇشىدىكى بالىلار باغچىسى قىلىپ قۇرۇشنى تەلەپ قىلىپ، پايدا ئېلىش خاراكتېرىدىكى يەسلى قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. «بىرقانچە پىكىر»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «شەھەر مەھەللە يانداشما بالىلار باغچىسى قۇرۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقىتىپ، شەھەر-بازارلاردىكى ئاھالە ئولتۇراق رايونىدا ئۆلچەملىك بالىلار باغچىسى قۇرۇش، ئۇنى دۆلەت ئاچقان بالىلار باغچىسى ياكى ھاۋالە قىلىپ باشقۇرۇلىدىغان ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق خەلق باشقۇرۇشىدىكى يەسلى قىلىش كېرەكلىكىنى، پايدا ئېلىش خاراكتېرىدىكى يەسلى قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر