باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىز 5G تورىدا VR رېئال ۋاقىتلىق كۆرسىتىپ يەتكۈزۈش سىنىقىنى تۇنجى قېتىم مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشقا ئاشۇردى

2019.01.29 16:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: رەپىتىس باشلىغان مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 2019-يىللىق چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىدە، تاماشىبىنلار 5G تورى ئارقىلىق چاغانلىق سەنئەت كېچىلىك ئۆتكۈزۈلىدىغان ئاڭلىتىش زالى ۋە چاڭچۈن، شېنجېن ئىككى شۆبە مەيداننىڭ تولۇق كۆرۈنۈشىنى كۆرەلەيدۇ، بۇ 5G تورى VR رېئال ۋاقىتلىق كۆرسىتىپ يەتكۈزۈش سىنىقىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  1-ئاينىڭ 28-كۈنى، مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى جۇڭگو بىرلەشمە ئالاقىچىلىكى، خۇاۋېي شىركىتى بىلەن بىرلىكتە جىلىن چاڭچۈندە 5G تورى VR رېئال ۋاقىتلىق يەتكۈزۈش سىنىقىنى باشلاپ، چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكنىڭ چاڭچۈەن شۆبە مەيدانىنى 5Gدا بىۋاسىتە كۆرسىتىشنى قوللىنىشنى تېخنىكا تەكشۈرۈشى ۋە تەييارلىقى بىلەن تەمىنلىدى. بۇ دۆلىتىمىزدىكى تۇنجى 5G تاراتقۇ قوللىنىش تەجرىبىخانىسىنىڭ 1-ئاينىڭ 13-كۈنى 5G تورىدا 4K تېلېۋىزىيە يوللاشنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشقا ئاشۇرغاندىن كېيىنكى يەنە بىر قېتىملىق مۇھىم سىنىقى، مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ 5G يېڭى تاراتقۇ سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە زور بۆسۈش ھاسىل قىلغانلىقى بولۇپ، باش ئىستانسىسىنىڭ كۈچلۈك يېتەكلەش كۈچى، تارقىتىش كۈچى، تەسىر كۈچىگە ئىگە خەلقئارادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان يېڭىچە ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇسى بەرپا قىلغانلىقى، دەۋرنىڭ قەدىمىگە يېقىندىن ئەگىشىپ، يېڭى تېخنىكىدىن دادىل پايدىلىنىپ، يۇغۇرما تەرەققىياتنى تېزلىتىش يولىدا پۇختا قەدەم ئالغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىنىڭ كېيىنكى تەييارلىق نومۇرلىرىدا، مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى VR پۈتۈن كۆرۈنۈشلۈك كۆرسىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تاماشىبىنلارغا يېڭىچە كۆرۈش تۇيغۇسى بېغىشلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، يەنە بىر تۈركۈم چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىنىڭ VR قىسقا فىلىملىرىنى يېڭى تاراتقۇلار سۇپىسىدا قويۇپ، تاماشىبىنلارنى چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىنى بېرىلىپ كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر