- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
2018-يىلى مەملىكەت بويىچە كۆلەملىك سانائەت كارخانىلىرىنىڭ پايدىسى %10.3 ئاشتى
2019.01.29 16:52 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 28-يانۋار 2018-يىللىق مەملىكەت بويىچە كۆلەملىك سانائەت كارخانىلىرى پايدا ئومۇمىي قىممىتىنىڭ بۇلتۇرقىدىن %10.3 ئاشقانلىقى، ئېشىش نىسبىتىنىڭ 1-ئايدىن 11-ئايغىچە بولغان ئېشىش نىسبىتىدىن 1.5 پىرسەنت پوئىنت تۆۋەنلەپ، ئومۇمىي جەھەتتىن تېز ئاشقانلىقىنى ئېلان قىلدى.
2014-يىلدىن 2017-يىلغىچە، كۆلەملىك سانائەت كارخانىلىرى پايدىسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا %3.3، %8.5 ۋە %21 بولدى. دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ سانائەت مەھكىمىسىدىكى دوكتور خې پىڭ مۇنداق دېدى: 2018-يىلى، كۆلەملىك سانائەت كارخانىلىرىنىڭ پايدىسى بۇلتۇرقىدىن تېز ئېشىش ئاساسىدا، داۋاملىق نىسبەتەن تېز ئاشتى.
2018-يىلى، سانائەت چوڭ تۈرىدىكى 41 كەسىپ ئىچىدە، 32 كەسىپنىڭ پايدىسى بۇلتۇرقىدىن ئاشتى. يېڭىدىن كۆپەيگەن پايدىسى ئەڭ كۆپ كەسىپلەر ئاساسلىقى تۆۋەندىكىچە: نېفىت ۋە تەبىئىي گاز قېزىش كەسپىنىڭ پايدىسى بۇلتۇرقىدىن 4.4 ھەسسە ئاشتى؛ مېتاللوئىد مېنېراللار ياسىمىچىلىق كەسپىنىڭ %43 ئاشتى؛ قارا مېتالنى تاۋلاش ۋە يېسىلاش پىششىقلاش كەسپىنىڭ %37.8 ئاشتى؛ خىمىيەلىك خام ماتېرىيال ۋە خىمىيەلىك بويۇملار ياسىمىچىلىقىنىڭ %15.9 ئاشتى؛ ھاراق، ئىچىملىك ۋە چاي ياسىمىچىلىقىنىڭ %20.8 ئاشتى. بەش كەسىپنىڭ كۆلەملىك سانائەت كارخانىلىرى پايدىسىنىڭ ئېشىشىغا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى %77.1 بولدى.
تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى، بۇلتۇر كۆلەملىك سانائەت كارخانىلىرىنىڭ ئاساسلىق تىجارەت كەسپى كىرىمىنىڭ پايدا نىسبىتى %6.49 بولۇپ، بۇلتۇرقىدىن 0.11 پىرسەنت پوئىنت ئاشتى.
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر