- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
2018-يىلى پۈتۈن مەملىكەتتىكى چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن 1335 كىشى، 3 مىليارد 541 مىليون يۈەن زاڭ مال قايتۇرۇپ كېلىندى
2019.01.29 16:50 مەنبە: خەلق تورى
2018-يىلى، مەركەز ۋە ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «خەلقئارادا قوغلاپ تۇتۇش، ھارام مالنى قايتۇرۇۋېلىش قەدىمىنى توختاتماسلىق»تا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلدى: «2018-يىللىق ئاسماندا تور» ھەرىكىتىدە پۈتۈن مەملىكەتتىكى چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن 1335 كىشى (ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن 17 كىشى، قايتۇرۇۋېتىلگەن 66 كىشى، جايلار ئارا سۈرۈشتۈرگەن بىر كىشى، قولغا ئالغان 275 كىشى، قايتىپ كېلىشكە دەۋەت قىلغان 500 كىشى، چېگرادا قاپقانغا چۈشكەن 202 كىشى، چېگرا ئىچىدە قولغا ئېلىنغان 198 كىشى، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆزىنى مەلۇم قىلغان 76 كىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) قايتۇرۇپ كېلىندى، بۇنىڭ ئىچىدە پارتىيە ئەزاسى ۋە دۆلەت خىزمەتچىسىدىن 307سى، «قىزىل تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان 100 كىشى»دىن بەشى بار. 3 مىليارد 541 مىليون يۈەن پۇل قايتۇرۇۋېلىندى.
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر