باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىكرانلار يېڭى خوشاللىق بىلەن تولۇپ، تۈمەنلىگەن ئائىلىلەر ئىللىقلىققا چۈمدى

− مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مەركىزىي مەنىۋى مەدەنىيلىك ئىشخانىسى چاغان ئالدىدا نامرات رايونلارغا 80 مىڭ تېلېۋىزور تەقدىم قىلدى

2019.01.29 16:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: چاغان يېتىپ كېلىش ھارپىسىدا، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مەركىزىي مەنىۋى مەدەنىيلىك ئىشخانىسى 2018-يىلى ئېغىر نامرات رايونلارغا 300 مىڭ تېلېۋىزور تەقدىم قىلىش ئاساسىدا، 2019-يىلى چاغان ئالدىدا يەنە پۈتۈن مەملىكەتتىكى 14 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون)دىكى نامرات رايونلارغا 80 مىڭ تېلېۋىزور تەقدىم قىلىشنى قارار قىلدى.

  بۇ تۈركۈمدە تېلېۋىزور تەقدىم قىلىنىدىغان جايلار نامراتلىق ئەھۋالى بىر قەدەر ئېغىر بولغان شىزاڭ، چىڭخەي، سىچۇەن، گەنسۇ، يۇننەن، شىنجاڭ قاتارلىق ئالتە ئۆلكە (ئاپتونوم رايون)، شۇنداقلا قىسمەن مەركەزلىك تۇتىشىپ كەتكەن ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار رايونلار بولغان ئەنخۇي، جياڭشى، خېنەن، خۇبېي، خۇنەن، گۇاڭشى، گۇيجۇ، شەنشى قاتارلىق سەككىز ئۆلكە (ئاپتونوم رايون)نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يۇقىرىقى رايونلاردىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ، كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەر ئىچىدىكى تېلېۋىزورى يوق ئائىلىلەر تەقدىم قىلىش ئوبيېكتى قىلىنىدۇ. تەقدىم قىلىنىدىغان تېلېۋىزورنىڭ ئۆلچىمى بولسا دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن داڭلىق ماركىلىق 32 دىيوملۇق سۇيۇق كىرىستاللىق تېلېۋىزور بولىدۇ.

  28-يانۋار، تېلېۋىزور ئىئانە قىلىش مۇراسىمى شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتى گۇما ناھىيەسىنىڭ چودا يېزىسى ئاياغ چودا كەنتىدە ئۆتكۈزۈلدى، شىنجاڭ بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە 30 مىڭ تېلېۋىزورغا ئېرىشتى. تەقدىم قىلىش مۇراسىمى نەق مەيدانىدا، نامرات ئاھالە ئابلىپىز مەمەت سۇيۇق كرىستاللىق تېلېۋىزورنى ئېلىپ، خوشاللىقىدا ئاغزى يۇمۇلماي قالدى. ئۇ: «يېڭى تېلېۋىزور بار بولدى، بۇنىڭدىن كېيىن ئۆزۈم ياقتۇرىدىغان يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسى ۋە تەنتەربىيە نومۇرلىرىنى كۆرەلەيدىغان بولدۇم، يەنە تېلېۋىزوردىن تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق تېخنىكىسىنى ئۆگىنەلەيدىغان بولدۇم. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ چېگرا رايونلاردىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە بولغان سېغىنىشى ۋە غەمخورلۇقىغا رەھمەت، بىزنىڭ بالدۇرراق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە تېخىمۇ گۈزەل ۋە بەختلىك ھاللىق تۇرمۇش كەچۈرۈشكە ئىشەنچىمىز بار»، دېدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر