- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ترامپ يول قويدى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋاقتىنچە قايتىدىن ئىش باشلىدى
2019.01.29 09:42 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ تاقىلىپ قېلىش ئويۇنى ئۈلۈشكۈن زۇڭتۇڭ دونالد تىرامپنىڭ يول قويۇشى بىلەن ۋاقتىنچە يىغىشتۇرۇلدى.
ترامپ شۇ كۈنى پارلامېنتتىكى ئاۋام ۋە كېڭەش پالاتالىرىدا ماقۇللانغان ۋاقىتلىق پۇل ئاجرىتىش قانۇن لايىھەسىنى ئىمزالىدى، قوشما ئىشتات ئاپپاراتىنىڭ تەخمىنەن تۆتتىن بىر قىسىمى قايتىدىن ئىش باشلىدى ھەمدە ئۈچ ھەپتە ئىشلەيدۇ. ناۋادا ئۈچ ھەپتە ئىچىدە ئاق ساراي بىلەن دېموكراتلار پارتىيەسى جەنۇبىي چېگرادا «پاسىل تام» سېلىش ئىشىنى يەنىلا سۆھبەتلىشىپ بولالمىسا، يۇقىرىدىكى ئورگانلار بەلكىم يەنە بىر قېتىم تاقىلىپ قېلىشى مۇمكىن.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋېرىگە قارىغاندا، غايەت زور بېسىم ئاستىدا ئاقساراي ۋەزىيەتنىڭ داۋاملىق قاتمال ھالەتتە تۇرۇشىنىڭ ياخشى ئامال ئەمەسلىكىنى ھىس قىلىپ يەتكەن. جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىگە تەۋە نۇرغۇن پارلامېنت ئەزالىرى دېموكراتلار پارتىيەسى تەرەپكە ئۆتۈپ، زۇڭتۇڭنى ھۆكۈمەتنى قايتا ئېچىشقا ئاشكارا دەۋەت قىلدى. ترامپ «مۇرەسسە» قىلىۋاتقان پەيىتتە، قوشما ئىشتالىق ھۆكۈمەتنىڭ قىسمەن ئاپپاراتلىرى 35 كۈن تاقىلىپ قېلىپ، تاقىلىپ قېلىش ۋاقتى جەھەتتە ئەڭ ئۇزۇن بولۇش رېكورتىنى ياراتتى.
نۇرغۇن ئەلرايىنى تەكشۈرۈشتىن ئايان بولۇشىچە، كۆپ قىسىم ئامېرىكىلىقلار ھۆكۈمەتنىڭ تاقىلىپ قېلىشىنى ترامپقا دۆڭگەپ قويدى، بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئەلرايى قوللاش نىسبىتى داۋاملىق تۆۋەنلەپ كەتتى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر