باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

مادۇرو: ۋېنېزۇئېلا ئامېرىكا بىلەن بولغان ئىقتىساد-سودا مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ قالىدۇ

2019.01.29 09:42         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ۋېنېزۇئېلا زۇڭتۇڭى مادۇرو ئۈلۈشكۈن زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا: ۋېنېزۇئېلا ئامېرىكا بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزگەندىن كېيىن ئامېرىكا بىلەن بولغان ئىقتىساد-سودا مۇناسىۋىتىنى داۋاملىق ساقلاپ قالىدۇ، ئامېرىكا بىلەن بولغان نىفىت سودىسى نورمال ئېلىپ بېرىلىدۇ دېدى ھەمدە ۋېنېزۇئېلادىكى ئۆكتىچى گۇرۇھنىڭ ھۆكۈمەت بىلەن سۆزلىشىپ ئىختىلاپلارنى ھەل قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

  مادۇرو ئامېرىكىنى ۋېنېزۇئېلادا ئوچۇق ئاشكارا سىياسىي ئۆزگىرىش پەيدا قىلدى ھەمدە ئۆز مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان قورچاق ھۆكۈمەت قۇردى دەپ ئەيىبلىدى ھەمدە ئامېرىكىنىڭ ۋېنېزۇئېلادىكى ئەلچىخانىسىدىكى بارلىق خادىملىرىدىن 72 سائەت ئىچىدە ۋېنېزۇئېلادىن ئايرىلىش ھەققىدىكى بۇيرۇقىنى پۈتۈنلەي، ئۈزۈل-كېسىل ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

  مادۇرو يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ۋېنېزۇئېلا ھۆكۈمىتى بىلەن ئۆكتىچى پارتىيەنىڭ سۆزلىشىش يولى ئىزچىل راۋان، شەخسەن مەن ۋېنېزۇئېلا پارلامېنتىنىڭ رەئىسى، ئۆكتىچى پارتىيە ئەزاسى گۇئايدو بىلەن سۆزلىشىشنى خالايمەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر