باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يەرلىك رەھبەرلەرنىڭ سۆز قالدۇرۇش تاختىسى. ئىككى يىغىن كەلدى، مەن شۇجىلار ۋە ئۆلكە باشلىقلىرىغا سۆز ھاۋالە قىلدىم

ئىككى يىغىن قىزىق نۇقتىلىرىدا سىز بىلەن پاراڭلىشىشنى ساقلايمىز. "كېسەل كۆرسىتىش تەس ۋە كېسەل كۆرسىتىش قىممەت" بولۇشتەك بۇ خىل مەسىلىگە قارىتا، سىزنىڭ قانداق ياخشى تەكلىپلىرىڭىز بار؟

2019.03.08 15:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2018- يىلى، داۋالاش ئىسلاھاتىنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى، راكقا قارشى 17 خىل دورىنىڭ باھاسى چۈشۈرۈلۈپ، ئۇلار داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىچىدىكى دورىلار قاتارىغا كىرگۈزۈلدى، ئېغىر كېسەللەرنى مەركەزلىك داۋالاش تۈرى 21 خىلغا كېڭەيتىلدى. شۇنداق بولسىمۇ، پۇقرالارنىڭ كېسەل كۆرسىتىشى قىيىن بولۇش ۋە قىممەت بولۇش مەسىلىسى يەنىلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا. سىزنىڭچە بۇ مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟

  يېقىندا، خەلق تورى "ئىككى يىغىن كەلدى، مەن شۇجىلار ۋە ئۆلكە باشلىقلىرىغا سۆز ھاۋالە قىلىمەن." دېگەن تەكلىپ توپلاش پائالىيىتىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى، كېسەل كۆرسىتىش قىيىن بولۇش ۋە كېسەل كۆرسىتىش قىممەت بولۇشتەك مەسىلىلەر بولسا، نۇرغۇن تورداشلار كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلق تۇرمۇشىدىكى "ئاغرىش نۇقتىسى"غا ئايلاندى: ئۆچرەتتە تۇرۇش، نومۇر ئېلىش ۋە پۇقرالارنىڭ كېسەل كۆرسىتىشى قاتارلىقلار قىيىن بولۇش ۋە قىممەت بولۇشتەك مەسىلىلەر پۇقرالارنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىگە تەسىر كۆرسەتتى، "دېھقانلارنىڭ كېسەل كۆرسىتىشى ۋە داۋالىنىش ھېساباتلىرىنى ئاتچوت قىلىشى قىيىن بولۇشتەك مەسىلىلىرى يەنىلا ناھايىتى ئېغىر دەرىجىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا."

  بۈگۈن،"ئىككى يىغىن كەلدى، مەن شۇجىلار ۋە ئۆلكە باشلىقلىرىغا سۆز ھاۋالە قىلدىم." دېگەن بۇ پائالىيەتتە، تېڭشۈن تورى ۋە تېڭشۈن ئاخبارات تېرمىنالىدا مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن»نىڭ ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش تېمىسىدا، قانداق قىلغاندا كېسەل كۆرسىتىش ۋە داۋالىنىش تەس بولمايدۇ؟ دېگەن سۇئال ئوتتۇرىغا قويۇلدى. قېنى، كۆپچىلىك، سىلەر تېزدىن بۇ يەرگە كىرىپ تەكلىپىڭلار ۋە ئۈمىدىڭلارنى سۆزلەپ بېقىڭلار.

  قېنى، ھەرقايسى جايلاردىكى تورداشلارنىڭ نېمە دېگەنلىكىگە قاراپ باقايلى:

  سىچۈەنلىك تورداش: كەنت دوختۇرلىرى ئىلگىرى پۇقرالار تەرىپىدىن «ساغلام ئىشىك باقار»دەپ ئاتىلاتتى، بۈگۈنكى كۈندە ئۇلارنىڭ تەمىناتى يۇقىرى ئەمەس، كەنت دوختۇرلىرىنىڭ ئېقىپ كېتىش مىقدارى كۆپ بولغاچقا، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كېسەل كۆرسىتىشى قىيىن بولدى، يەنە تېخى كىچىك كېسەللەرنى چوڭ داۋالاشتەك ئەھۋاللارمۇ كېلىپ چىققان ئىدى. شۇڭا مەن ھۆكۈمەتنىڭ ئۇلارنىڭ تەمىناتىنى ئۆستۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  جياڭسۇلىق تورداش: داۋالىنىش ھەققىنى تۆۋەنلىتىش ئارقىلىق، دېھقانلارنىڭ كېسەل كۆرسىتىشى قىيىن بولۇش ۋە قىممەت بولۇشتەك ئەھۋاللارنى ھەقىقىي تۈردە ھەل قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن.

  ئەنخۇيلۇق تورداش: ئۆلكە دائىرىسى ئىچىدە باشقا جايلاردا يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى راسچوت ۋە ئاتچوت قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پۇقرالارنىڭ كېسەل كۆرسىتىشىگە قولايلىق يارىتىپ بېرىش تەكلىپىنى بېرىمەن.

  گۇاڭدۇڭلۇق تورداش: دوختۇرخانىغا بېرىپ كېسەل كۆرسىتىش ئۈچۈن، بىر كۈن ئۆچرەتتە تۇرغان بىلەن، دوختۇرغا كۆرۈنىدىغان ۋاقتىمىز ئون مىنۇتقىمۇ يەتمەيدۇ، قالغان ۋاقتىمىزنىڭ ھەممىسى ئۆچىرەتتە تۇرۇپ تەكشۈرتۈشكە ساقلاش ياكى تەكشۈرتۈش دوكلاتىنى بېسىپ چىقىرىۋېلىشقا كىتىدىكەن، كېسەل كۆرسىتىش تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇش تەكلىپىنى بېرىمەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر