- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
مالىيە مىنىستىرلىقى: ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۆي-جاي بېجى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ، بۇ سىياسەت 2021ـ يىلغىچە ئىجرا قىلىنىدۇ
2019.02.21 13:20 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ 20- چېسلا ئېلان قىلغان ئۇقتۇرۇشىدا مۇنداق دېيىلگەن: ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۆي-جاي بېجى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ؛ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن ئىمزالانغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار ياتاق بىناسى ئىجارە توختامىدا ماركا بېجى كەچۈرۈم قىلىدۇ.
ئەھۋالغا ئاساسلانغاندا، ئۇقتۇرۇشتا ئېيتىلغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ياتاق بىناسى، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن تەمىنلىگەن ياتاق مۇلازىمىتى ۋە دۆلەت بەلگىلىگەن ھەق ئېلىش ئۆلچىمى بويىچە ياتاق ھەققى ئېلىنىدىغان ئوقۇغۇچىلار ياتاق بىناسىنى كۆرسىتىدۇ.
ئۇختۇرۇشتا مۇنداق دېيىلگەن: كارخانىلار بۇ ئۇقتۇرۇشتا بەلگىلەنگەن كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ، بەلگىلىمە بويىچە، باج مەلۇم قىلىش رەسمىيىتى، ھەمدە كۆچمەس مۈلۈك ھوقۇق تەۋەلىكى ئىسپاتى، ئۆي-جاينىڭ ئەسلىي قىممىتى بېسىلغان ئالاقىدار ماتېرىياللار، ئۆي-جاي ئىشلىتىش ئورنى ئىسپاتى ۋە ئىجارە توختامى قاتارلىق ماتېرىياللار تەكشۈرۈش ئۈچۈن ساقلاپ قويۇلىدۇ.
ئۇقتۇرۇش 2019- يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 2021- يىلى 12- ئاينىڭ 31- كۈنىگىچە ئىجرا قىلىش قىلىنىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر