باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپ ئوقۇش تارىخى مائارىپى بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سالاھىيىتىنى قەرەللىك ئېلان قىلىش تۈزۈمى ئورنىتىلىدۇ

2019.03.08 15:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ۋە مەكتەپ باشقۇرۇش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، نورمال بولغان ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تەرتىپى ۋە مەكتەپ باشقۇرۇش مۇھىتىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، مائارىپ مىنىستىرلىقى يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپ ئوقۇش تارىخى مائارىپى بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سالاھىيىتىنى قەرەللىك ئېلان قىلىش تۈزۈمى ئورنىتىشنى قارار قىلدى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلدى: ھەرقايسى ئۆلكە دەرىجىلىك مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى رايون ئىچىدىكى ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپ ئوقۇش تارىخى بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى بىرتۇتاش تەشكىللەپ، ئۆز يېرىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ كونكرېت تەكشۈرۈش قائىدىسى تۈزۈشى كېرەك. سالاھىيەت تەكشۈرۈشتە مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش، بىرلىشىپ تەربىيەلەش، ئوقۇش تەۋەلىكىنى باشقۇرۇش، ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش، پراكتىكا قاتارلىق جەھەتلەردە بەلگىلىمىگە ئېغىر خىلاپلىق قىلىش قىلمىشى بارمۇ-يوق؟ مەكتەپ باشقۇرۇش راسخوتى، ئۇل قۇرۇلۇش، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى، ئەمەلىي مەشىق، پراكتىكا قاتارلىق ئاساسلىق مەكتەپ ئېچىش شارائىتى ئاساسىي تەلەپكە ئۇيغۇنمۇ-ئەمەسمۇ قاتارلىقلارنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈشى كېرەك.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: ھەرقايسى ئۆلكە دەرىجىلىك مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى ھەر يىلى 5-ئاينىڭ ئاخىرىدىن ئىلگىرى جەمئىيەتكە مەمۇرىي رايون ئىچىدىكى تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك بولغان، ئوقۇش تارىخى مائارىپى بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سالاھىيىتىگە ئىگە (بىرلىشىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سالاھىيىتىنمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ ئىسىملىكىنى جەمئىيەتكە ئېلان قىلىشى كېرەك.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەكىتلەندى: تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپ ئوقۇش تارىخى مائارىپى بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سالاھىيىتى ھازىرلىمىغان ۋە ئوقۇغۇچى مەنبەسى ئۆلكىسى بىلەن پىلان بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئۆلكىسىدىكى مەسئۇل تارماقلار ئەنگە ئالماي تۇرۇپلا ئۆلكە ھالقىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغان ۋە بىرلىشىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغان مەكتەپلەرنىڭ ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپ ئوقۇش تارىخى مائارىپى بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشى ۋە بىرلىشىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشىغا بولمايدۇ. مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتى ئۆلچەم-تەلەپكە توشمىغان ياكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش، پراكتىكا، ياردەم بېرىش قاتارلىق جەھەتلەردە بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىش ساقلانغان مەكتەپلەرگە قارىتا، مەسئۇل تارماقلار باشقۇرغۇچى بىلەن بىرلىكتە تەدبىر قوللىنىپ، ئۇلارنى بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇشى كېرەك. ھەرقايسى مەكتەپلەر شۇ يىلى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغان كەسىپ ۋە مەكتەپ ئادرېسىنى مەسئۇل مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرىغا چوقۇم ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك. پىرىنىسىپ جەھەتتىن ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ باشقا جايدا شۆبە مەكتەپ، ئوقۇتۇش نۇقتىسى قۇرۇشىغا بولمايدۇ، تۇرۇشلۇق جايدىكى مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرىنىڭ قۇرۇشنى تەستىقلىشىدىن ئۆتمىگەنلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشىغا بولمايدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر