باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

بالىنىڭ ساغرىسىغا ئۇرۇپ بالا تەربىيەلەش ئۇسۇلى بالىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ئىقتىدارىغا سەلبىي تەسىر يەتكۈزىدۇ

2019.02.18 16:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بالا تەربىيەلەشتە بالىنىڭ ساغرىسىغا ئۇرۇش پۈتۈن دۇنيادىكى ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلارغا ئەڭ كۆپ ئىشلىتىدىغان باشقۇرۇش ئۇسۇلىنىڭ بىرى. ئامېرىكا مىچىگان ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، تېخىمۇ كەڭ دائىرىدىن قارىغاندا، بالىنىڭ ساغرىسىغا ئۇرۇشنىڭ بالىلارغا بولغان زىيىنى بەلكىم بۇنىڭدىن ئىلگىرى كىشىلەرگە مەلۇم بولغىنىدىنمۇ زور بولۇشى مۇمكىن.

  بۇ يېڭى بىر خەلقئارالىق تەتقىقاتتا، ب د ت بالىلار فوندى جەمىئىيىتىنىڭ 62 دۆلەتتىن توپلىغان سانلىق مەلۇماتلىرىدىن پايدىلىنىلغان. زىيارەت قىلىنغۇچىلاردىن ئۈچتىن بىر قىسىم كىشى تەن جازاسى توغرا ھالدىكى بېقىش ئۇسۇلىدۇر ياكى بالىلارنى تەربىيىلەشتە زۆرۈردۇر، دەپ قارايدىكەن. تەتقىقات ئوبيېكتى قىلىنغان بالىلارنىڭ %43ى ساغرىسىغا تاياق يەپ چوڭ بولغانلار ياكى ئۇلار تۇرۇشلۇق ئائىلىدىكى يەنە بىر بالا تاياق يەپ باققان ئىكەن.

  تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، مەيلى تەتقىقات ئوبيېكتى قىلىنغان شۇ بالىنىڭ ئۆزى كاسىسىغا تاياق يىگەن بولسۇن، ياكى ئۇنىڭ ئاكا-ئۇكا، ئاچا-سىڭىللىرى كاسىسىغا تاياق يىگەن بولسۇن، بۇ خىل تەربىيىلەش ئۇسۇلى بالىلارنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ئىقتىدارىغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدىكەن. مەزكۇر تەتقىقات دوكىلاتىنىڭ بىرىنچى ئاپتورى، ھەم ئىجتىمائىي خىزمەتلەرنى تەتقىق قىلغۇچى ۋە جەمئىيەت شۇناسلىق دوكتورى گاررېت • پېيست مۇنداق دېگەن: بۇ تەكشۈرۈشتىن شۇ مەلۇم بولدىكى، بالىنىڭ ساغرىسىغا ئۇرۇشنىڭ زىيىنى پايدىسىدىن زور بولىدىكەن.

  پېيست يەنە مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: تەن جازاسىنى ئازايتىش بالىلارنىڭ پىسخىك يۈكىنى زور دەرىجىدە يېنىكلىتىدۇ، بەلكىم بۇنىڭ بىلەن، پۈتۈن دۇنيادىكى بالىلارنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىدا ياخشىلىنىش كۆرۈلۈشى مومكىن. پېيست ۋە ئۇنىڭ خىزمەتدىشى يەنە مۇنداق دېگەن: ئەمەلىيەتتە، 54 دۆلەتتە تەن جازاسى بېرىش ئاللىقاچان چەكلەنگەن، ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۈنۈمدىن قارىغاندا، بۇ خىل چەكلەنگەن تەدبىرى بالىلارنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق بولىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر