باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مەركەز مالىيەسى مەبلەغ ئاجرىتىپ شىنجاڭنىڭ ئورمانچىلىق ئېكولوگىيەسىنى قوغداش قۇرۇلۇشىغا مەدەت بەردى

2019.02.12 15:15         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئورمانچىلىق ئېكولوگىيەسىنى قوغداش قۇرۇلۇشىغا مەدەت بېرىش ئۈچۈن، مەركەز مالىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا 2 مىليارت 434 مىليون يۈەن مەخسۇس مەبلەغ ئاجراتتى. نۆۋەتتە شىنجاڭ مەخسۇس مەبلىغىنىڭ ھەممىسىنى ۋىلايەت ئوبلاست شەھەرلەرگە چۈشۈردى.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ پۇل ئاساسلىقى ئورمان بايلىقىنى باشقۇرۇش، ئورمان ئېكولوگىيە ئۈنۈمىگە تولۇقلىما بېرىش، ئورمان پەرۋىش قىلىش، ئاپەتتىن مۇداپىئە كۆرۈش ۋە ئاپەتنى ئازايتىش، تېرىلغۇدىن ئورمانغا ۋە ئوتلاققا قايتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەرگە ئىشلىتىلىدىكەن.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى ئالاقىدار تارمىقىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق دېدى: مەركەز ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ خامچوت ئۈنۈمىنى باشقۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش تەلىپىگە ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە ۋە ئورمانچىلىق تارماقلىرى مەخسۇس مەبلەغنىڭ ئۈنۈم نىشانىنى بىرلىكتە بېكىتىپ، ئۇنى مەخسۇس مەبلەغ بىلەن بىرگە ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر ۋە تۈرگە ئالاقىدار ئورۇنلارغا ئاجرىتىدۇ. ھەر دەرىجىلىك مالىيە تاماقلىرى ئۈنۈم نىشانى ئىجراسىنىڭ ھەرىكەت ھالىتىنى نازارەت قىلىپ، نەتىجىسىنى ئەتراپلىق باھالايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ھەر دەرىجىلىك مالىيە تارماقلىرى يەنە مەبلەغنى ئىز قوغلاپ ئىنكاس قىلىش تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەبلەغ يۆنىلىشى ۋە ئىشلىتىش ئەھۋالىنى ۋاقتىدا ئىگىلەپ، مەبلەغنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، مەبلەغنىڭ ئىشلىتىلىشىنىڭ بىخەتەر ئۆلچەملىك، ئۈنۈملۈك بولىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر