سۈرەتتە: 2-ئاينىڭ 5-كۈنى، ساياھەتچىلەر بېيجىڭ خان سارىيىدا ساياھەت قىلماقتا.
بۇ يىل چاغانلىق «ئالتۇن ھەپتە»دە بېيجىڭ شەھىرى كۈتۈۋالغان ساياھەتچىلەر سانى ۋە ساياھەت ئومۇمىي كىرىمى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئاشتى. 11-فېۋرال بېيجىڭ شەھەرلىك مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، چاغانلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە بېيجىڭدا كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچىلەر ئومۇمىي سانى 8 مىليون 117 مىڭ بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.3 ئاشقان؛ ساياھەتچىلىك كىرىمى 8 مىليارد 185 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %12.7 ئاشقان؛ كىشى بېشىغا ئوتتۇرىچە چىقىم 1008 يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7 ئاشقان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى