باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يەر باشقۇرۇش ھوقۇقىنى پاي قىلىپ قوشۇپ، يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈپ باشقۇرۇشنى تەرەققىي قىلدۇرۇش

پاي بويىچە پايدا تەقسىملىنىپ، ئۇششاق دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ كىرىمى ئاشتى

2019.02.12 16:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېڭى ۋەزىيەتتە يېزا ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى يەنىلا دېھقانلار بىلەن يەرنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىشتۇر. يەر باشقۇرۇش ھوقۇقىنى پاي قىلىپ قوشۇپ، يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈپ باشقۇرۇشنى تەرەققىي قىلدۇرۇش __ يېزىلارنىڭ يەر تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ بىر تۈرلۈك مۇھىم تەدبىرى، يېزا ئىگىلىكىنى مۇۋاپىق كۆلەملىك باشقۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش، ئۇششاق دېھقان ئائىلىلىرى بىلەن زامانىۋى يېزا ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى ئورگانىك جىپىسلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم يولى. يېزا ئىگىلىكى-يېزا مىنىستىرلىقى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقى قاتارلىق تارماقلار يېقىندا بىرلىشىپ «يەر باشقۇرۇش ھوقۇقىنى پاي قىلىپ قوشۇپ، يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈپ باشقۇرۇشنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «يېتەكچى پىكىر» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقاتتى، مۇخبىر ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدا يېزا ئىگىلىكى-يېزا مىنىستىرلىقىنىڭ مەسئۇلىنى زىيارەت قىلدى.

  پاي قوشقان ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ھوقۇقى، مەجبۇرىيىتى ۋە پايدا تەقسىماتى كېڭىشىپ بېكىتىلىدۇ


  «ئۈچ ھوقۇقنى ئايرىش» ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، سىياسەت تۆۋەن چېكى قاتتىق ساقلىنىدۇ. يېزا يېرىگە كوللېكتىپ ئىگىدارلىق قىلىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، دېھقانلار كوللېكتىپىنىڭ ھۆددە يەرگە بولغان تۈرلۈك ھوقۇق فۇنكسىيەسى قانۇن بويىچە قوغدىلىدۇ، ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ يەر ھۆددىگە ئېلىش ئورنىنى ئىگىلىۋېلىشىگە بولمايدۇ. يەر باشقۇرۇش ھوقۇقى جانلاندۇرۇلۇپ، باشقۇرۇش سۇبيېكتلىرىنىڭ ئوبوروت توختامى بويىچە ئېرىشكەن باشقۇرۇش ھوقۇقى قانۇن بويىچە ئادىل قوغدىلىدۇ.

  بازار قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىنىپ، ھۆكۈمەتنىڭ رولى جارى قىلدۇرۇلىدۇ. بازارنىڭ بايلىق تەقسىملەشتىكى ھەل قىلغۇچ رولىدا چىڭ تۇرۇلىدۇ. يەر قاتارلىق ئامىللارنىڭ ئەمەلىي تۆھپە قوشۇش ۋە قىسلىق دەرىجىسى ئوبيېكتىپ ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ، پاي قوشقان ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ھوقۇقى، مەجبۇرىيىتى ۋە پايدا تەقسىماتى بازار قائىدىسى بويىچە كېڭىشىپ بېكىتىلىپ، ھۆكۈمەت يەر باشقۇرۇش ھوقۇقىنى پاي قىلىپ قوشۇش سىياسەت تەدبىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئارقىلىق، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى ئادىل قوغدايدۇ.

  ھەر جاينىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، تەرتىپ بويىچە تەدرىجىي راۋاجلاندۇرۇلىدۇ. رايونلار پەرقى، ئىقتىسادىي ئاساسى ۋە يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش قاتارلىق ئامىللار تولۇق ئويلىشىلىپ، ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن يەر باشقۇرۇش ھوقۇقىنى پاي قىلىپ قوشۇش مۇۋاپىق قانات يايدۇرۇلىدۇ. شەكلى ھەر خىل، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان پاي قوشۇش ئۇسۇلى ئۈستىدە ئىزدىنىشكە رىغبەتلەندۈرۈلۈپ، مەجبۇرىي بۇيرۇق چۈشۈرۈلمەيدۇ، قارىغۇلارچە بەس تالاشمايدۇ ۋە ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدىمەيدۇ.

  نامرات رايونلار دېھقانلارنى يەر باشقۇرۇش ھوقۇقىنى كەسپىي ھەمكارلىق كوپېراتىپىغا پاي قىلىپ قوشۇشقا يېتەكلىسە بولىدۇ


  «يېتەكچى پىكىر» يەرلىكنى يەر باشقۇرۇش ھوقۇقىنى پاي قىلىپ قوشۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، مىسال كەلتۈرۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق يېڭىلىق يارىتىش ئۇسۇلىنى كۆرسىتىپ بەردى، مەسىلەن: دېھقان ئائىلىلىرى يەر باشقۇرۇش ھوقۇقى ئارقىلىق قانۇن بويىچە شىركەت ۋە دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپېراتىپىغا بىۋاسىتە مەبلەغ قوشسا بولىدۇ ياكى ئاۋۋال مەبلەغ قوشۇپ دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپېراتىپى قۇرۇپ، دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپېراتىپى يەر باشقۇرۇش ھوقۇقى بىلەن مەبلەغ قوشۇپ شىركەت قۇرسا(پاي قوشسا) بولىدۇ.يەر باشقۇرۇش ھوقۇقىنى پاي قىلىپ قوشۇپ، يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈپ باشقۇرۇشنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى بىرلەشتۈرۈلىدۇ. شىركەت، دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپېراتىپى بىلەن دېھقان ئائىلىلىرى بولۇپمۇ نامرات ئائىلىلەرنىڭ پايدىسىنى زىچ بىرلەشتۈرۈش مېخانىزمى ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىلىدۇ. نامرات رايونلار دېھقانلارنى يەر باشقۇرۇش ھوقۇقىنى شىركەت، دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا پاي قىلىپ قوشۇشقا يېتەكلەپ، نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىغا بىرلەشتۈرۈپ يېزا ئىگىلىك كەسىپلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە قىسمەن دېھقانلارنى ئۆز يېرىدە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا ئۈنۈملۈك ياردەم بېرىپ، يېزا ئىگىلىك كەسىپلىرى ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشكە تۈرتكە بولىدۇ.

  ئەۋزەل پاي چېكى، ئاۋۋال ئىجارىگە بېرىپ، كېيىن پاي قوشۇش ئۈستىدە ئىزدىنىلىپ، سۇغۇرتىنىڭ خەۋپ-خەتەرنى تۈگىتىش رولى جارى قىلدۇرۇلىدۇ


  يەر باشقۇرۇش ھوقۇقىنى پاي قىلىپ قوشۇش خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشكە ئەھمىيەت بېرىش «يېتەكچى پىكىر»نىڭ مۇھىم مەزمۇنى. شارائىتى بار جايلار يەر باشقۇرۇش ھوقۇقىنى پاي قىلىپ قوشۇش خەۋپ-خەتىرىدىن مۇداپىئەلىنىش تۈزۈمى ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىشكە رىغبەتلەندۈرۈلىدۇ. «ئەڭ تۆۋەن پايدا + پاي بويىچە پايدا تەقسىملەش»نى يولغا قويۇشقا رىغبەتلەندۈرۈلۈپ، دېھقانلار بولۇپمۇ نامرات ئائىلىلەرنى يەر باشقۇرۇش ھوقۇقىنى پاي قىلىپ قوشۇش جەريانىدا مۇقىم پايدىغا ئىگە قىلىدۇ.

  خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى ئۈستىدە ئىزدىنىلىدۇ. كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى ياكى كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلار ھۆددىگەر دېھقان ئائىلىرىنىڭ يەر باشقۇرۇش ھوقۇقىنى پاي قىلىپ قوشقانلىقىنى يازمىچە ئەنگە ئالىدۇ، شىركەت، دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپېراتىپىنىڭ ھۆددە يەرنى ئىشلىتىشىنى نازارەت قىلىدۇ. ئەۋزەل پاي چېكى ئۈستىدە ئىزدىنىلىپ، دېھقانلار شىركەتكە باشقۇرۇش، تەدبىر بەلگىلەش ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش بىلەن بىرگە ئالدىن پايدا تەقسىملەش ھوقۇقىغا ئىگە بولىدۇ. ئاۋۋال ئىجارىگە بېرىپ، كېيىن پاي قوشۇش ئۈستىدە ئىزدىنىلىپ، دېھقانلار يېرىنى ئاۋۋال ئىجارىگە بېرىپ، شىركەت، دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپېراتىپى مۇقىم، ياخشى ئىقتىسادىي ئۈنۈمگە ئىگە بولغاندىن كېيىن ئاندىن پاي قوشىدۇ. سۇغۇرتىنىڭ خەۋپ-خەتەرنى تۈگىتىش رولى جارى قىلدۇرۇلۇپ، «پاي قوشۇش توختامىنى ئىجرا قىلىش كاپالىتى سۇغۇرتىسى» قاتارلىق كۆپ خىل يەر باشقۇرۇش ھوقۇقىنى پاي قىلىپ قوشۇش سۇغۇرتىسى ئۈستىدە ئىزدىلىنىپ، دېھقانلارنىڭ «ئەڭ تۆۋەن پايدىسى» ۋە يەر باشقۇرۇش ھوقۇقىنى قايتۇرۇپ سېتىۋېلىشى ئۈچۈن سۇغۇرتا كاپالىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ؛ يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، شىركەت، دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپېراتىپىنىڭ خەۋپ-خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى ئۆستۈرۈلىدۇ. دېھقانلارنىڭ يەر باشقۇرۇش ھوقۇقىنى پاي قىلىپ قوشۇشىغا خەۋپ-خەتەر ئەسكەرتىشى بېرىش چارىسى ئۈستىدە ئىزدىنىشكە رىغبەتلەندۈرۈلىدۇ. پاي قوشۇش جەريانىدىكى ھەر خىل ماجىرالار ياخشى بىر تەرەپ قىلىنىپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتى قانۇن بويىچە قوغدىلىپ، يوشۇرۇن خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىنىدۇ ياكى تۈگىتىلىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر