خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 2- كۈنىگىچە، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى لى جىخېڭ، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى بۇ شياۋلىننىڭ ھەمراھلىقىدا، ئۇلانچاب شەھىرىدە خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىدىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ئۈزلۈكسىز ھەل قىلىش لازىملىقىنى تەكىتلىدى.
سۈرەتتە: 1-فېۋرال، لى كېچياڭ چاخار ئوڭ قانات ئالدىنقى خوشۇنىنىڭ سەنچاكوۋ يېزىسى شىئېرجوۋ كەنتىدە نامرات ئائىلىلەردىن ھال سورىدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى