باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ جۇڭگو-ئەنگلىيە ئوتتۇرىسىدىكى سودا «قاتماللىقىنى تۈگىتىش سەپىرى»نىڭ 65 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

2019.02.02 16:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 31-يانۋار ئەنگلىيە 48 گۇرۇھ كۇلۇبى ئۇيۇشتۇرغان جۇڭگو بىلەن ئەنگلىيە ئوتتۇرىسىدىكى سودا «قاتماللىقىنى تۈگىتىش سەپىرى»نىڭ 65 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

  لى كېچياڭ تەبرىك خېتىدە مۇنداق دېدى: 60 نەچچە يىلدىن بۇيان، 48 گۇرۇھ كۇلۇبىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەنگلىيەلىك دوست ئەربابلار جۇڭگو- ئەنگلىيە ئىقتىساد-سودا ئالاقىسى ۋە ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش مۇساپىسىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق نەپ ئالىدىغان ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. «قاتماللىقنى تۈگىتىش» روھى ئەنگلىيە خەلقىنىڭ جۇڭگوغا قارىتا دوستانە ھەمكارلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغان ئىجابىي ئارزۇسىنى گەۋدىلەندۈردى ھەم ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن، سىغدۇرۇشچان تەرەپكە قاراپ تەرەققىي قىلىش يۈزلىنىشىنىڭ توسۇپ قالغىلى بولمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈردى. جۇڭگو ھۆكۈمىتى 48 گۇرۇھ كۇلۇبىنىڭ جۇڭگو-ئەنگلىيە دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى يۈكسەك ئالقىشلايدۇ، سىلەرنىڭ داۋاملىق «قاتماللىقنى تۈگىتىش» روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە جارى قىلدۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ دوستلۇقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

  لى كېچاڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو ئەنگلىيەنىڭ ھەرقايسى ساھەسىدىكى دوستلار بىلەن داۋاملىق بىرلىكتە تىرىشىپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، باراۋەر مۇئامىلە قىلىش ئاساسىدا ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ۋە ھەمكارلىقىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، كۆپ تەرەپلىك ۋە ئەركىن سودىنى ئورتاق قوغداپ، ئېچىۋېتىش، كەڭ قورساق بولۇش داۋامىدا دۇنيانىڭ يېڭى تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر