باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بىر قانچە تارماق پۇل مۇئامىلىنىڭ يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە مۇلازىمەت قىلىشىنى ئىلگىرى سۈردى

يېڭىدىن كۆپەيگەن پۇل مۇئامىلە بايلىقى ئېغىر نامرات رايونلارغا مايىللاشتۇرۇلدى

2019.02.12 16:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2-ئاينىڭ 11-كۈنى ئىگىلىنىشىچە، مەركىزىي بانكا، بانكا-سۇغۇرتا نازارەتچىلىكى كومىتېتى، ئاكسىيە نازارەتچىلىك كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقى، يېزا ئىگىلىكى-يېزا مىنىستىرلىقى يېقىندا بىرلىشىپ «پۇل مۇئامىلىنىڭ يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە مۇلازىمەت قىلىشى توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»نى تارقىتىپ، پۇل مۇئامىلىنىڭ يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە مۇلازىمەت قىلىشىدىكى بازار سىستېمىسى، تەشكىلىي سىستېمىسى، مەھسۇلات سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا پۇل مۇئامىلە بايلىقىنىڭ قايتما ئېقىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تەلەپ قىلغان. 2020- يىلىغا بارغاندا، يېڭىدىن كۆپەيگەن پۇل مۇئامىلە بايلىقىنى ئېغىر نامرات رايونلارغا مايىللاشتۇرۇپ، ئېغىر نامرات رايونلاردا قەرز پۇلنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ ھەر يىلى تۇرۇشلۇق ئۆلكە قەرز پۇلىنىڭ ئوتتۇرىچە ئېشىش سۈرئىتىدىن يۇقىرى بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ھەر يىلى ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ نامراتلارنى يۆلەش تەكرار قەرز پۇلىنىڭ تۇرۇشلۇق ئۆلكىدىكى نىسبىتىنىڭ ئۆتكەن يىلدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن يۇقىرى بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش لازىم.

  پىكىردە شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا پۇل مۇئامىلىنىڭ يېزا ئىگىلىكىگە ياردەم بېرىش بايلىقىنى ئۈزۈكسىز كۆپەيتىش تەلەپ قىلىندى. يېزا ئىگىلىكىگە چېتىشلىق بانكا كەسپىدىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىكىگە چېتىلىدىغان قەرز پۇل قالدۇقى ئالدىنقى يىلىدىكىدىن يۇقىرى بولۇشى، زايوم، پاي چېكى قاتارلىق كاپىتال بازىرىنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزىلار، دېھقانلارغا مۇلازىمەت قىلىش سەۋىيەسى داۋاملىق ئۆستۈرۈلۈشى لازىم. يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسى تۈرلىرى سىجىل ئاشۇرۇلۇپ، قاپلاش دائىرىسى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈلۈشى كېرەك. 2035- يىلىغا بارغاندا كۆپ قاتلاملىق، كەڭ دائىرىدە قاپلىغان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل، مۇۋاپىق رىقابەتلەشكەن، تەرتىپلىك يېڭىلىق يارىتىلغان، خەۋپ- خەتەرنى تىزگىنلەشكە بولىدىغان زامانىۋى يېزا پۇل مۇئامىلە سىستېمىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن بەرپا قىلىش كېرەك.

  يېزا ئىگىلىكىگە چېتىشلىق پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى مەنبەگە قايتىشى كېرەك ھەمدە پۇل مۇئامىلىنىڭ نۇقتىلىق قوللاش دائىرىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، پۇل مۇئامىلە بايلىقىنى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى نۇقتىلىق ساھەلەر ۋە ئاجىز ھالقىلارغا مايىللاشتۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇش لازىم. يېزا-كەنتلەردىكى 1-، 2-، 3- كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرى دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى جابدۇقلىرى ياساش، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كەسپى، ئەقىل-ئىدراكلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تېخنىكا تەتقىقاتىنى ئومۇملاشتۇرۇش، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سوغۇق ساقلاش زەنجىرسىمان ئەشيا ئوبوروتى ۋە قۇرۇتۇش قاتارلىق زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىدىكى نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ مۇۋاپىق مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئېھتىياجىنى ئاكتىپ قاندۇرۇش لازىم. يېڭىچە يېزا ئىگىلىك تىجارەت سۇبيېكتى ۋە كىچىك دېھقان ئائىلىلىرىگە قارىتىلغان پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنى نۇقتىلىق ياخشى ئىشلەپ، ئۇلارنىڭ تىجارەتتىكى مەبلەغ ئېھتىياجىنى ئۈنۈملۈك قاندۇرۇش لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر