باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شەنشى ئۆلكىسىنىڭ نىڭچياڭدا بىر ئاپتوبۇس دەرياغا چۈشۈپ كېتىپ، ئىككى ئادەم قازا قىلدى

2019.02.12 16:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ12- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شەنشى ئۆلكىسى نىڭچياڭ ناھىيەلىك ھۆكۈمەتتىن ئىگىلىنىشىچە، 11-فېۋرال سائەت 17دىن 50 مىنۇت ئەتراپىدا، شەنشى ئۆلكىسى نىڭچياڭ ناھىيەسىدە 12-يولنىڭ بىر ئاپتوبۇسى يول يۈرۈۋاتقاندا تۇيۇقسىز كونتروللۇقىنى يوقىتىپ، دەرياغا چۈشۈپ كەتكەن. ھادىسىدە ئىككى ئادەم قازا قىلغان. دەسلەپكى تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشىچە، ۋەقە يۈز بەرگەندە، خەنجۇڭ شەھەرلىك ئاپتوموبىل تىرانسپورت شىركىتى نىڭچياڭ شۆبە شىركىتىنىڭ شوپۇرى تاڭ فامىلىلىك ھەيدىگەن 12- يول ئاپتوبۇسى (شەنشى F52868) نىڭچياڭ-چىڭمۇچۇەن تاشيولىنىڭ 2km+800 نۇقتىسىغا كەلگەندە، تاشيول رېشاتكىسىنى سوقۇپ بۇزۇپ، دەرياغا چۈشۈپ كەتكەن، ئاپتوبۇستا 15 كىشى ئولتۇرغان (شوپۇرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) بولۇپ، ۋەقەدە بىر يولۇچى نەق مەيداندا قازا قىلغان، شوپۇر قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتكەن؛ يېنىك يارىلانغان ئىككى يولۇچى داۋالىنىۋېتىپتۇ، قالغان 11 يولۇچى دوختۇرخانىدا كۆزىتىلمەكتە ئىكەن.

  ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، نېڭچاڭ ناھىيەسى دەرھال نەق مەيداندا قۇتقۇزۇش، داۋالاش، ۋەقەنى تەكشۈرۈش ۋە ئاخىرەتلىك ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشنى قانات يايدۇردى. نۆۋەتتە، نەق مەيداندا قۇتقۇزۇش ئاخىرلاشتى، ئاپتوبۇستىكى خادىملارنىڭ سالاھىيىتى ئېنىقلاندى. ۋەقەنىڭ سەۋەبى تەكشۈرۈلىۋاتىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر