سۈرەتتە: 2-ئاينىڭ 8-كۈنى پورتۇگالىيەنىڭ پايتەختى لىسبوندا تارتىلغان جۇڭگو-پورتۇگالىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش تۇنجى كۈنلۈك كونۋېرتى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پورتۇگالىيە پوچتا باش ئىدارىسى 8- فېۋرال پايتەخت لىسبوندا، جۇڭگو بىلەن پورتۇگالىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش خاتىرە پوچتا ماركىسى ۋە تۇنجى كۈنلۈك كونۋېرت تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. بۇ بىر يۈرۈش يېڭى تارقىتىلغان خاتىرە پوچتا ماركىسى جەمئىي ئىككى دانە بولۇپ، ئايرىم-ئايرىم جۇڭگو بىلەن پورتۇگالىيەنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئېلىمېنتى بولغان سۆسۈن قۇم چەينەك- پىيالە ۋە كۈمۈش چەينەك-پىيالە نەقىش قىلىنىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى ۋە مەدەنىيەت ئورتاقلىقى نامايان قىلىندى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى