خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ11- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2- ئاينىڭ 9- كۈنى، قۇتقۇزۇش خادىملىرى تايلاندنىڭ پۇجى ئارىلىدا بىر كاتېرنىڭ بىر پاراخوتقا سوقۇلۇپ كېتىش ۋەقەسىدە يارىلانغان ساياھەتچىلەرنى قۇتقۇزماقتا.
جۇڭگونىڭ تايلاند سىنگورادا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانىسىنىڭ 10- فېۋرال ئېلان قىلغان بىر ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشىغا ئاساسلانغاندا، 11 نەپەر جۇڭگولۇق ساياھەتچى ئولتۇرغان بىر كارتېر پاراخوت 9- فېۋرال چۈشتىن كېيىن پۇجى ئارىلى دېڭىز تەۋەلىكىدە توختىتىپ قويۇلغان بىر ماي پاراخوت بىلەن سوقۇلۇشۇپ كەتكەن بولۇپ، 11 نەپەر جۇڭگولۇق ساياھەتچى ۋە ئىككى نەپەر پاراخوت خادىمى يارىلانغان، ئەمما قازا قىلغانلار يوق ئىكەن. ھازىرغىچە ئالتە كىشىنىڭ دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىشى ھاجەتسىز بولۇپ، ئۇلار دوختۇرخانىدىن چىققان، قالغان بەش ئادەم دوختۇرخانىدا يېتىپ كۆزىتىلمەكتە ئىكەن، بەزىلىرى داۋاملىق داۋالاشقا مۇھتاج بولماقتا ئىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى