باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خۇبېيدا ساختا ماتېرىيال توقۇپ، يۇقىرىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئەپلەپ-سەپلەپ ئۆتۈۋالغان كۆپلىگەن كادىر جازالاندى

2019.02.11 15:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خۇبېيدىكى بىر ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئىدارىسىنىڭ خادىمى تەكشۈرۈۋاتقاندا قەستەن ساختىپەزلىك قىلغان بولۇپ، تەكشۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەندىن كېيىن، نەچچە جاۋابكار جازالاندى. يېقىندا، خۇبىي ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى بۇ شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق تىپىك دېلو مىسالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى.

  ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشتا كۆرسىتىلىشىچە، شىيەن شەھەرلىك ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى ئىشخانىسىنىڭ تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىش جەريانىدا ساختىپەزلىك مەسىلىسى ساقلانغان، مۇلازىمەت زالى خادىملىرىدا ئاممىغا بولغان پوزىتسىيەسى سوغۇق بولۇش مەسىلىسى ساقلانغان. تەكشۈرۈش ئارقىلىق، 2017-يىلى 6- ئايدا، يۇقىرىنىڭ خىزمەت تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن، شىيەن شەھەرلىك ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى ئىشخانىسىنىڭ بۆلۈم دەرىجىلىك كادىرى جاڭ جۈن بىر قىسىم كەم ھۆججەتلەرنى تولۇقلاپ تەييارلىغان، بۇنىڭ ئىچىدە «2017-يىللىق پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئىش تەقسىماتى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» ۋە «2016- يىللىق پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئىش تەقسىماتى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نىڭ باش قىسمىدىن سىرت، باشقا مەزمۇنى تامامەن ئوخشاش بولغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىمزا قويۇش ۋاقتى ئوخشاشلا 2016-يىلى 2-ئاينىڭ 28- كۈنى، دەپ يېزىلغان. تەييارلاپ بولغاندىن كېيىن، جاڭ جۈن ھۆججەتنى ئىشخانا مۇدىرى جاڭ خۇينىڭ كۆرۈشىگە تاپشۇرغان، جاڭ خۇي تەپسىلىي تەكشۈرمىگەن ۋە رەھبەرلىكنىڭ تەستىقلىشىغا يوللىمىغان ئەھۋالدا، تەكشۈرۈشتىن ئەپلەپ-سەپلەپ ئۆتۈۋېلىش ئۈچۈن، ئۆز مەيلىچە ئىدارە پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ تامغىسىنى باسقان.

  2018-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى، شىيەن شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن، جاڭ خۇي 2017-يىلى 3- ئاينىڭ 28-كۈنى ئىدارە ئورگان پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ 2017-يىلى 1-، 2-، 3- قاراردىكى شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشىنى ئۆگىنىش يىغىن خاتىرىسىنى ئويدۇرۇپ چىقارغان، كۆپەيتىپ بولغاندىن كېيىن، جاڭ جۈن تولۇقلاپ تەييارلىغان يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ھۆججەت بىلەن بىللە، ئىدارە رەھبەرلىرىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتمىگەن ئەھۋال ئاستىدا، تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىغا بىۋاسىتە بەرگەن.

  بۇلاردىن باشقا، 2017-يىلى 12- ئاينىڭ ئاخىرىدا، شىيەن شەھەرلىك ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى مۇلازىمەت زالىنىڭ خىزمەتچى خادىمى جوۋ شۆ خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون ئوينىغان، ئىش بېجىرىدىغان ئاممىغا سوغۇق مۇئامىلە قىلىپ، باشقىلارغا ئىتتىرىپ، ئەپلەپ ـ سەپلەپ ئىش قىلىپ، ئېغىر ناچار تەسىر پەيدا قىلغان.

  تەكشۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەندىن كېيىن، يېقىندا جاڭ خۇي، جاڭ جۈنگە ئايرىم-ئايرىم پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلدى، جوۋ شۆ خىزمەتتىن بوشىتىلدى، شىيەن شەھەرلىك ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى خۇاڭ جيەنخۇا، شۇ چاغدىكى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى پەن خۇاغا ئايرىم-ئايرىم پارتىيە ئىچىدە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر