باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

چاغانلىق سەپەرگە چىققاندا قانداق مېڭىش كېرەك ؟ سەپەر قىلىش تاكتىكىسى سىزگە ئېيتىپ بېرىدۇ

چاغان يېقىنلاشتى، يۇرتىڭىزغا چاغان ئۆتكۈزگىلى ماڭغىنىڭىزدا، سەپەرگە چىقىشتا بۇ تاكتىكىدىن پايدىلىنىڭ

2019.02.01 16:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كىچىك ئاپتوموبىللاردىن ھەق ئېلىنمايدۇ

  2019-يىلى چاغاندا كىچىك تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىللىرىنىڭ ھەقسىز يول يۈرۈش ۋاقتى: 2-ئاينىڭ 4-كۈنى (ھارپا كېچىسى) سائەت نۆلدىن 2-ئاينىڭ 10-كۈنى (چاغاننىڭ 6-كۈنى) سائەت 24 كىچە، كىچىك ئاپتوموبىللاردىن يول ھەققى ئالماسلىقنىڭ ئاخىرلىشىش ۋاقتى ئاپتوموبىللارنىڭ ھەق ئېلىش يولىنىڭ چىقىش ئېغىزىدىن ئايرىلغاندىكى ۋاقتى ئۆلچەم قىلىنىدۇ.

  ھەقسىز قاتناش مەزگىلىدە، ئاپتوموبىل ئىگىسى ئەڭ ياخشىسى يۈرۈش ۋاقتىنى ئالدىن پىلانلىۋېلىشى، ھەقسىز يول يۈرۈش سىياسىتىدىن ياخشى پايدىلىنىشى كېرەك. مەسىلەن، 2-ئاينىڭ 10-كۈنى سائەت 24دىن بۇرۇن نىشانغا يېتىپ كەلمىگەن بولسا، ئىمكانقەدەر يېقىن ئەتراپتىكى چىقىش ئېغىزىنى تاللاپ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدىن چىقىۋالسا بولىدۇ، «ۋاقىت ئاز قالغاندا» چىقىش بېكىتىگە قاپسىلىۋالماسلىق كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا ئاپتوموبىل كۆپ، مۇلازىمەت رايونىدا ئاپتوموبىل كۆپ، ئاپتوموبىل ئىمكانقەدەر مۇلازىمەت رايونىدا ئاز تۇرۇپ، ئاپتوموبىلدىكى ئادەملەر ھاجەتخانىغا كىرىپ بولۇپ، ئازراق ئارامىنى ئېلىۋالغاندىن كېيىنلا، ئاپتوموبىلنى ھەيدەپ ئايرىلغىنى ياخشى. ئاپتوموبىل ھەيدەپ مۇلازىمەت رايونىغا كىرگەندە، ناۋادا، ئاپتوموبىلدىكى ئادەملەرنىڭ ھەممىسى ئاپتوموبىلدىن چۈشۈشكە توغرا كەلسە ھەمدە ئايرىلغاندىكى ۋاقتى بىر قەدەر ئۇزاق بولسا، قىممەتلىك بۇيۇملارنى يېنىدا ئېلىپ يۈرۈشى كېرەك ھەمدە ئاپتوموبىلنىڭ ياخشى تاقالغان ياكى تاقالمىغانلىقىنى تەكشۈرۈشى كېرەك.

  ۋاقىتلىق يولۇچىلار پويىزى قوشۇلىدۇ

  چاغاندىن بۇرۇن، شىنجاڭ تۆمۈريولى 40 نۆۋەت ئۈرۈمچىدىن شاڭخەي، چېڭدۇ تەرەپكە بارىدىغان ۋاقىتلىق پويىزلارنى كۆپەيتكەن. ئۈرۈمچىدىن شىئەنگە بارىدىغان K 680 - قېتىملىق پويىز ئۈرۈمچىدىن چۇڭچىڭغا بارىدىغان قىلىپ تەڭشىلىپ، لەنجۇ – شىنجاڭ لىنىيەسى، لەنجۇ - چۇڭچىڭ تۆمۈريولى لىنىيەسى ئارقىلىق ماڭىدۇ.

  ساياھەت مەخسۇس پويىزى قاتنايدۇ

  2-ئاينىڭ 6-كۈنى ساياھەت مەخسۇس پويىزى ئۈرۈمچىدىن يولغا چىقىپ، تۆت كېچە، ئۈچ كۈندۈزلۈك ساياھەتنى يولغا قويدى، ساياھەتچىلەر جياڭجۈن تېغى، قاناس، قۇمقاناسنى ساياھەت قىلىپ، شىمالىي شىنجاڭدىكى قار–مۇز ساياھىتىنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلالايدۇ.

  ھاۋارايى ناچار ۋاقىتتا بۇ يول بۆلەكلىرىدە ماڭماڭ

  شىنجاڭ قاتناش ساقچى تارماقلىرىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ناچار ھاۋا رايىغا يولۇققاندا، شىمالىي شىنجاڭدىكى كەڭ ساي بۆلىكى، داۋانچىڭ بۆلىكى، 100 چاقىرىملىق شامال رايونى، 30 چاقىرىملىق شامال رايونى، نوقاي بوران رايونى، مايتاس شامال رايونى، شامالئۆتەڭ شامال رايونى قاتارلىقلاردا ئاسانلا قار-شىۋىرغان ۋە يولنى مۇز تۇتۇپ كېتىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ؛ جەنۇبىي شىنجاڭ G 3012 لىنىيەسى تۇرپان - خوتەن يۇقۇرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ كۇچا بۆلىكى، توقسۇ، يەكەن بۆلىكى، S13 لىنىيەسى مەكىتتىن قەشقەرگىچە بولغان بۆلىكى، S16 لىنىيەسىنىڭ قىسمەن يول بۆلەكلىرىدە ئاسان تۇمان شەكىللىنىدۇ.

  بۇ شەھەرلەرنىڭ ئەتراپى ئاسان توسۇلۇپ قالىدۇ

  چاغاندىن بىر ھەپتە بۇرۇن، ئۈرۈمچىدە شەھەردىن چىقىش يۇقىرى پەللىسى شەكىللىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەتراپتىكى مازار، قەبرىستانلىق قاتارلىق قەبرە سۈپۈرۈش ئورۇنلىرى ئاپتوموبىل ۋە ئادەم ئېقىمىنى كۈتۈۋالىدۇ. چاغاندىن بىر ھەپتە كېيىن قايتىش يۇقىرى دولقۇنى شەكىللىنىدۇ. چاغان مەزگىلىدە، ئۈرۈمچى شەھىرى، كورلا شەھىرى، سانجى شەھىرى، قاراماي شەھىرى، غۇلجا شەھىرى، ئاقسۇ شەھىرى، قەشقەر شەھىرى قاتارلىق ئاساسلىق شەھەرلەر ساياھەت يۇقىرى پەللىسىنى كۈتۈۋالىدۇ، ئاۋات سودا بازىرى ۋە ئەتراپتىكى دېھقانلار ئارامگاھى، چاڭغا تېيىلىش مەيدانى قاتارلىق سورۇنلاردا يول يۈرۈش بېسىمى شىددەت بىلەن ئېشىپ، ئاسانلا يول توسۇلۇپ قالىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر