باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مىسىر تاراتقۇلىرى شىنجاڭنى زىيارەت قىلدى

2019.02.02 16:56         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى بىلەن جۇڭگونىڭ مىسىردىكى باش ئەلچىخانىسىنىڭ ئورتاق تەكلىپىگە بىنائەن، «ئەلئېھرام گېزىتى»، «جۇمھۇرىيەت گېزىتى» بىلەن نىل دەرياسى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى قاتارلىق تاراتقۇلاردىن تەركىب تاپقان مىسىر تاراتقۇلىرى ۋەكىللەر ئۆمىكى 1-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن 31-كۈنىگىچە شىنجاڭغا كېلىپ نەق مەيداندا زىيارەت قىلدى. مۇخبىرلار شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئىناق تۇرمۇشىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن، كەسپىي ماھارەت جەھەتتىن تەربىيەلەش، يېتىشتۈرۈش مەركىزىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن كەڭ-كۇشادە پاراڭلاشقان ۋە پىكىر ئالماشتۇرغاندىن كېيىن، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەيدىغان «جۇڭگو تەجرىبىسى»-يېڭى دەۋردىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىنىڭ ئۈنۈملۈك ۋاسىتىسى ئىكەن دەپ ھېسابلىدى.

  قەشقەر كونىشەھەر ناھىيەسىدىكى مىللىيچە چالغۇلار كەنتىدە، دۆلەت غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ۋەكىللىك ۋارىسى راخمان ئابدۇللا ئەنئەنىۋى چالغۇ دۇتارنى ياساۋاتاتتى. مېھمانلار دۇكانغا كىردى، ئۇنىڭ ئىككى ئوغلى قولىدىكى دۇتارلار بىلەن مۇزىكا چالدى. نىل دەرياسى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ نوپۇزلۇق رېژىسسورى رامىيە رامادان مۇنداق دېدى: سەنئەت-تۇرمۇشنىڭ بىر ئاچقۇچى. مۇزىكا، ئۇسسۇل ئارقىلىق، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆزگىچە مەدەنىيىتىنى نامايەن قىلىپ، خۇشاللىقتىن باشقىلارنى بەھرىمەن قىلغىلى بولىدۇ. دەل جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ھارماي-تالماي تىرىشىشى ئارقىسىدا، ئاندىن شىنجاڭنىڭ كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەت-سەنئىتى ۋارىسلىق قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشكەن.

  جەنۇبىي شىنجاڭدىكى قەشقەر ھېيتگاھ جامەسى، خوتەن جامە مەسچىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، نۇرغۇن دىنىي خىزمەتچىلەر تونۇشتۇرۇپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ قانۇنلۇق دىنىي پائالىيىتى قانۇن تەرىپىدىن قوغدالدى دېدى. «جۇمھۇرىيەت گېزىتى»نىڭ مۇخبىرى ئابدۇلھەلىم بۇ يەردىكى مەسچىتلەرنىڭ شارائىتى ناھايىتى ياخشى ئىكەن، مەن بۇ جايدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىدىن تولۇق بەھرىمەن بولۇۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم دېدى. «ئەلئېھرام گېزىتى»نىڭ مۇدىر مۇھەررىرى ماھىر مۇقراد قەشقەر ئىستراتېگىيەلىك رايون ئەۋزەللىكىگە ئىگە، ئىجتىمائىي مۇقىملىق بولسا بۇ جاينىڭ ئىقتىسادىنى ئۈزۈكسىز ئاشۇرۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى دەپ قارىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: دۇنيادىكى ھەرقانداق بىر جايغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، مۇقىملىق بولمىسا تەرەققىياتتىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ. ئەگەر خەلق بىخەتەر بولمىغان مۇھىتتا ياشىسا، ئىجاد قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ.

  مۇخبىر ئادىل ئەلى شىنجاڭنىڭ نۇقتىلىق زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلو مىساللىرى كۆرگەزمىسىنى كۆرگەندىن كېيىن، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ ھەممىسى گۇناھسىز، زوراۋان-تېررورچىلارنىڭ قىلمىشى ئىنتايىن قەبىھ، ئۇلار دۇنيا خەلقىنىڭ دۈشمىنى دېدى.

  مۇخبىر كامال جابالا قەشقەر، خوتەننىڭ كۆپلىگەن جايلىرىدىكى تەربىيەلەش مەركەزلىرىنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن، ئوقۇغۇچىلار بۇ يەردە تىل، قانۇن ئىگىلەپ، قانداق قىلىپ باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىشنى ئۆگىنىپتۇ. بۇ ئۇلۇغ تەدبىر-ئەسەبىي ئىدىيەنى تۈگىتىشنىڭ ئۈنۈملۈك ۋاسىتىسى ئىكەن، مەن كۆز ئالدىمدىكى بارلىق نەرسىلەرنى مىسىر پۇقرالىرىغا ئەينەن سۆزلەپ بېرىمەن دېدى. مۇخبىر نارمىن خەلىل مىسىر دۇچ كەلگەن زوراۋانلىق، تېررورلۇق تەھدىتى تېخىمۇ كەسكىن، دۆلىتىمىز بۇ خىل مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇسۇلنى ئۆرنەك قىلسا بولىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر