باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بۇلتۇر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى 21 مىڭ 500 يۈەن بولدى

2018-يىلىدىكىدىن %7.6 ئاشتى، شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىرىم پەرقى يىلدىن يىلغا ئازلىدى

2019.02.02 16:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ 2018-يىللىق خەلق ئىگىلىكىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، 2018-يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى 21 مىڭ 500 يۈەن بولۇپ، تۇنجى قېتىم 20 مىڭ يۈەنلىك چوڭ ئۆتكەلدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، 2017-يىلىدىكىدىن %7.6 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، شەھەر-بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم 32 مىڭ 764 يۈەن بولۇپ، %6.5 ئاشقان؛ يېزا ئاھالىسىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم 11 مىڭ 975 يۈەن بولۇپ، %8.4 ئاشقان.

  دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى شىنجاڭ تەكشۈرۈش باش ئەترىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، باش ئەترەت باشلىقى ۋاڭ گۈيروڭ تەھلىل قىلىپ، ئاھالە كىرىمىنىڭ ئېشىشى ئاساسلىقى دېھقانلارغا قارىتىلغان تۈرلۈك نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ، شەھەر-يېزا ئاھالىسىنىڭ كىرىم پەرقىنىڭ ئۈزلۈكسىز كىچىكلىگەنلىكى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇقىملاشتۇرۇلۇپ، ئىگىلىك تىكلەشنى قوللاش تەدبىرلىرىنىڭ شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ مائاش خاراكتېرىلىك كىرىمىنىڭ ئۇدا ئېشىشىغا تۈرتكە بولغانلىقى، خەلق تۇرمۇشى سېلىنمىسى ۋە جامائەت مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەشنىڭ ئېشىشى يېزا-بازار ئاھالىسىنىڭ يۆتكىلىش خاراكتېرلىك كىرىمىنىڭ بىرقەدەر تېز ئېشىشىغا تۈرتكە بولغانلىقى، قۇرۇلمىنى ئۆزگەرتىپ باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىشنىڭ شەھەر -يېزا ئاھالىسىنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش كىرىمىنىڭ مۇقىم ئېشىشىغا تۈرتكە بولغانلىقى قاتارلىق تۆت جەھەتتىكى ئامىللار سەۋەبىدىن بولغان، دەپ قارىدى.

  ۋاڭ گۈيروڭ يەنە مۇنداق دېدى: نامراتلارنى دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشقا ئەگىشىپ، سىياسەت جەھەتتىن يۆلەش ۋە يېزا ئىگىلىكىگە مۇناسىۋەتلىك مەبلەغلەرنى بىرىكتۈرۈشنى كۈچەيتىش قاتارلىق سىياسەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈمى كۆرۈلۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ شەھەر ۋە يېزا ئاھالىسىنىڭ كىرىم نىسبىتى 2010 -يىلىدىكى 2.90 تىن تۆۋەنلەپ 2016 -يىلىدىكى 2.79، 2017-يىلىدىكى 2.78 ۋە 2018-يىلىدىكى 2.74كە چۈشكەن، شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىرىم پەرقى تەدرىجىي تارايغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر