سۈرەتتە: 1-ئاينىڭ 30-كۈنى، بىرازىلىيەنىڭ بىرۇمادىنودا، قۇتقۇزۇش خادىملىرى توسمىنى يار ئېلىپ كېتىش ھادىسىسى يۈز بەرگەن نەق مەيداندا قۇتقۇزۇشنى قانات يايدۇرماقتا.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بىرازىلىيەنىڭ مىناس گېرايس ئىشتاتىلىق خەلق مۇداپىئە تارمىقى 30- يانۋار كەچتە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ: ئالتىنچى كۈنىدىكى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىدىن كېيىن، بۇ ئىشتاتتا يۈز بەرگەن توسمىنى يار ئېلىپ كېتىش ۋەقەسىدە 99 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى جەزملەشتۈرۈلدى، يەنە 259 ئادەمنىڭ ئىز-دېرىكى يوق، دېدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى