1-ئاينىڭ 29-كۈنى، ئامېرىكىنىڭ يېڭى جېرسېي ئىشتاتىدا، ئارتىسلار مەركىزىي مىللەتلەر مۇزىكا ئۆمىكىنىڭ مىللىي سىمفونىيەلىك مۇزىكا كېچىلىكىدە «شۈەنزاڭنىڭ غەربكە ساياھىتى»دە نومۇر ئورۇنلىماقتا.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي مىللەتلەر مۇزىكا ئۆمىكىنىڭ چوڭ تىپتىكى مىللىي سىمفونىيەلىك مۇزىكا كېچىلىكى «شۈەنزاڭنىڭ غەربكە ساياھىتى» 29- يانۋار كەچتە يېڭى جېرسېي ئىشتاتىدىكى سەنئەت مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى. بۇ مۇزىكا كېچىلىكىدە جۇڭگو خەلق مۇزىكىلىرىنىڭ تەسىرلىك رېتىمى ئارقىلىق، ئامېرىكىلىق تاماشىبىنلارغا بىر ئەۋلاد داڭلىق راھىب شۈەنزاڭنىڭ ئاجايىپ سەپىرى بايان قىلىندى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى