خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 31- يانۋار خەلق سارىيىدا، قاتار ئەمرى تامىم بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئۆزئارا ھۆرمەتلەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، باراۋەرلىكتە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان جۇڭگو-قاتار ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشقا بىردەك قوشۇلدى.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: 2014-يىلى، مەن ئەمر ئالىيلىرى بىلەن بېيجىڭدا جۇڭگو-قاتار ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىلغانلىقىنى ئورتاق جاكارلىغان ھەمدە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇش توغرىسىدا مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلغان ئىدۇق. مەن شۇنى خۇشاللىق بىلەن كۆردۈمكى، ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە، بۇ ئورتاق تونۇشلار ئەمەلىيلىشىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە ئەمەلىي پايدا يەتكۈزمەكتە.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ قاتار تەرەپ بىلەن ئالاقىنى كۈچەيتىپ، سىياسىيدا ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ قاتار تەرەپنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئۆز ئالدىغا ئىزدىنىشىنى قوللايدۇ، قاتار تەرەپنىڭ بىر جۇڭگو سىياسىتىدە چىڭ تۇرغانلىقىغا ئاپىرىن ئېيتىدۇ، قاتار تەرەپنىڭ جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئەتى مەسىلىسىدە جۇڭگونى قەتئىي قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىدۇ. ئىككى تەرەپ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى تېخىمۇ جىپسىلاشتۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى بىرلىكتە قۇرۇشى كېرەك. ئىككى دۆلەت نېفىت، تەبىئىي گاز ھەمكارلىقىنى ئاساسىي ئوق قىلغان، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى مۇھىم نۇقتا قىلغان، پۇل مۇئامىلە ۋە مەبلەغ سېلىشنى يېڭى ئېشىش نۇقتىسى قىلغان ھەمكارلىق يېڭى ئەندىزىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندۈردى، ئېنېرگىيە، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، يۇقىرى يېڭى تېخنىكا، مەبلەغ سېلىشتىن ئىبارەت تۆت چوڭ ساھەدىكى ھەمكارلىقنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈشى لازىم. ئىككى تەرەپ خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىي پىكىر ئېقىمىغا قارشى تۇرۇش ئۈستىدە ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تەجرىبە- ساۋاقلاردىن ھەمبەھىرلىنىپ، ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشى لازىم. ئادىمىيەت ئالاقىسىنى يەنىمۇ قۇيۇقلاشتۇرۇشىمىز، ساياھەت، مەدەنىيەت، تەنتەربىيە ۋە تاراتقۇ ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز، بولۇپمۇ ئۆزئارا قوللاپ، 2022-يىلى ئايرىم-ئايرىم جۇڭگو بىلەن قاتاردا ئۆتكۈزۈلىدىغان قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بىلەن دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدىن ئىبارەت بۇ ئىككى چوڭ تەنتەنىلىك تەنتەربىيە يىغىنىنى بىرلىكتە ياخشى ئويۇشتۇرۇشىمىز لازىم.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى