باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا يېڭى ئېنېرگىيە ئارقىلىق توك تارقىتىش مىقدارى تېز ئاشتى

2019.02.01 10:40         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن 2018-يىلى-شىنجاڭنىڭ يورۇقلۇق ۋولت ۋە شامال كۈچى ئارقىلىق توك تارقىتىش مىقدارى ئىككى خانىلىق سان بىلەن ئاشتى، شامال ۋە قۇياش ئېنېرگىيەسىدىن پايدىلانماسلىق نىسبىتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئالتە پوئېنت تۆۋەنلىدى.

  مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئۇقۇشىچە، 2018-يىلى، شىنجاڭنىڭ يورۇقلۇق ۋولت بىلەن توك تارقىتىش مىقدارى 11 مىليارد 660 مىليون كىلوۋات سائەتكە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %13.62، شامال ئېلېكتىرى بىلەن توك تارقىتىش مىقدارى 36 مىليارد 26 مىليون كىلوۋات سائەتكە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %15.22 ئاشقان.

  توك تارقىتىش مىقدارىنىڭ ئېشىشى ۋە يېڭىدىن كۆپەيگەن گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنىڭ تىزگىنلىشى-شامال ۋە قۇياش ئېنېرگىيەسىدىن پايدىلانماسلىق نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىشىگە تۈرتكە بولدى. بۇلتۇر پۈتۈن يىلدا، شىنجاڭنىڭ قۇياش ئېنېرگىيەسىدىن پايدىلانماسلىق نىسبىتى %15.5 بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 6.1 پوئېنت؛ شامال ئېنېرگىيەسىدىن پايدىلانماسلىق نىسبىتى %22.9 پىرسەنت بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 6.9 پوئىنت تۆۋەنلىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر