باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ۋاڭ ياڭ دىنىي تەشكىلاتلار مەسئۇللىرىنىڭ چاغاننى كۈتۈۋېلىش سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى

2019.02.02 14:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيرۇسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ 1- فېۋرال مەملىكەتلىك دىنىي تەشكىلاتلار مەسئۇللىرىنىڭ چاغاننى كۈتۈۋېلىش سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى، ئۇلار بىلەن چاغاننى بىرلىكتە تەبرىكلەشتى، ھەمدە ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭغا ۋاكالىتەن، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ دىنىي ساھەسىدىكى زاتلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان كەڭ ئاممىدىن چاغانلىق ھال سورىدى ۋە ئۇلارغا ياخشى تىلەكلەرنى تىلىدى.

  ۋاڭ ياڭ ھەر قايسى دىنىي تەشكىلاتلارنىڭ 2018ـ يىللىق خىزمىتىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، ھەمدە ئۇلارنىڭ 2019- يىللىق خىزمەتلىرىگە بولغان ئۈمىدلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ھەر قايسى دىنىي تەشكىلاتلار شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دىن خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم تەدبىر ۋە ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتىنىڭ ئومۇمىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دىنلارنىڭ ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقىنى قوغدىشى كېرەك. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، شەكلى كۆپ خىل، مەزمۇنى مول ۋەتەنپەرۋەرلىك تەلىم-تەربىيە، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، دىنىي ساھەدىكى زاتلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى توغرا تارىخ قارىشى، مىللەت قارىشى، دۆلەت قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەپ، دىننىڭ ئۆزلۈك تەرەققىياتىنى دۆلەتنىڭ تەقدىرى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈشى كېرەك. ئېلىمىزنىڭ دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە دىن ئىدىيەۋى سىستېمىسى، تۈزۈمنى قېلىپلاشتۇرۇش، قائىدە-يوسۇن ئۇسۇلى قاتارلىق جەھەتلەردە پائال ئىزدىنىپ، ياخشى تەجرىبە، ياخشى ئۇسۇللارنى يەكۈنلىشى ۋە كېڭەيتىشى كېرەك. دىنىي ساھەدىكى زاتلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارنىڭ نوپۇزىنى ئاڭلىق قوغداپ، قانۇن-نىزاملار يول قويغان دائىرىدە پائالىيەتلەرنى ئاڭلىق ھالدا قانات يايدۇرشقا يېتەكلەپ، دىندىن پايدىلىنىپ ئېلىپ بېرىلغان قانۇنغا خىلاپ بارلىق پائالىيەتلەرنى قەتئىي توسۇشى ۋە ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇشى كېرەك. دىن ئىستىلى قۇرۇلۇشى ۋە ئىچكى باشقۇرۇشنى باشلامچىلىق بىلەن كۈچەيتىپ، دىن ساھەسىدىكى زاتلارنى دىنىي قائىدىلەرگە قاتتىق رىئايە قىلىش، دىنىي سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، جەمئىيەتتىكى ئابرويىنى ئۆستۈرۈش، ئېتىقاد سۇسلىقى، بوشاڭلىق، ھورۇنلۇق، ھەشەمەتلىك قوغلىشىش قاتارلىق ناچار ئىستىللارنى تۈگىتىشكە يېتەكلەپ، سىياسىي جەھەتتە ئىشەنچلىك، دىنىي جەھەتتە بىلىملىك، ئەخلاق-پەزىلەت جەھەتتە ئامما قايىل بولىدىغان، ھالقىلىق پەيتتە رول ئوينىيالايدىغان تېخىمۇ كۆپ دىنىي ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش كېرەك.

  ۋاڭ ياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دىنىي تەشكىلاتلار بولسا، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ دىنىي ساھەدىكىلەر بىلەن ئالاقە باغلاشتىكى كۆۋرۈك ۋە ۋاسىتە ھېسابلىنىدۇ. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى داۋاملىق تۈردە دىنىي زاتلار بىلەن بولغان ئىتتىپاقلىق ۋە ھەمكارلىقىغا بۇرۇنقىدەكلا ئەھمىيەت بېرىپ، دىنىي تەشكىلاتلارنىڭ خىزمىتىگە بۇرۇنقىدەكلا كۆڭۈل بۆلىدۇ ۋە قوللايدۇ. ئالاقىدار تارماقلار ئۇلار بىلەن بولغان ئالاقە ۋە ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇشىدىكى ھەر خىل قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلىرىنى ۋاقتىدا ئىگەللەپ، دىنىي ساھەدىكىلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق ۋە مەنپەئەتىنى قوغداش كېرەك.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى يوۋ چۈەن سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى. جۇڭگو بۇددا دىنى جەمئىيتى، جۇڭگو داۋجياۋ دىنى جەمئىيتى، جۇڭگو ئىسلام دىنى جەمئىيتى، جۇڭگو كاتولىك دىنى ۋەتەنپەرۋەرلىك جەمئىيتى، جۇڭگو خرىستىئان دىنى ئۈچ ئۆزلۈك ۋەتەننى سۆيۈش ھەرىكىتى كومىتېتىنىڭ مەسئۇللىرى قاتارلىقلار يىغىندا سۆز قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر