باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى مىللىي مۈلۈكنى توڭلىتىشنى بىكار قىلىش تۈرىدىكى 43 ئالدامچىلىق جىنايىتى ساختا تۈرى ۋە تەشكىلاتنى ئېلان قىلدى

2019.02.02 16:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى پۈتۈن مەملىكەتتىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ 1-ئايدىن باشلاپ يېرىم يىل داۋاملىشىدىغان مىللىي مۈلۈكنى توڭلىتىشنى بىكار قىلىش تۈرىدىكى ئالدامچىلىق جىنايەتلىرىگە زەربە بېرىش، تەرتىپكە سېلىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇرغان ئىدى. يېقىندا، جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇپ قوماندانلىق قىلىشى بىلەن، جايلاردىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى مەخسۇس ھەرىكەتنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، بىر تۈركۈم مىللىي مۈلۈكنى توڭلىتىشنى بىكار قىلىش تۈرىدىكى ئالدامچىلىق دېلولىرىنى پاش قىلىپ، بىر تۈركۈم جىنايەت تورلىرىنى ۋەيران قىلىپ، بىر تۈركۈم جىنايەت گۇماندارلىرىنى قولغا چۈشۈردى.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى مىللىي مۈلۈكنى توڭلىتىشنى بىكار قىلىش تۈرىدىكى 43 ئالدامچىلىق جىنايىتى ساختا تۈرلىرى ۋە تەشكىلاتىنى ئېنىقلاپ چىقتى، ئۇلارنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى شۇكى، گۇاڭشى لىڭيۈن تەۋەلىكىدىكى جىنايەتچىلەر ھۆكۈمەت ھۆججىتى، كىنىشكا، تامغىنى ساختا ياساپ، «مىللىي گۈللىنىش ئۇلۇغۋار ئىشى»، «دەل جايىدا يۆلەش»، «كۈتۈنۈش ياردەم بېرىش»، « خەير- ساخاۋەت بىلەن خەلقنى بېيىتىش» قاتارلىق ئالدامچىلىق تۈرلىرىنى ئويدۇرۇپ چىقارغان، ئاندىن ۋاكالەتچىلەرنى تاللاپ ھەمدە ئۈندىدار توپى قۇرۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق خادىم تەرەققىي قىلدۇرغان، نەچچە ئون يۈەن، نەچچە يۈز يۈەنگىچە ئەزالىق بەدەل پۇلى، تىزىملىتىش ھەققى قاتارلىق خىراجەتلەرنى تاپشۇرغاندىن كېيىنلا نەچچە ئون مىڭ يۈەن، 100 نەچچە مىڭ يۈەن، ھەتتا نەچچە مىليون يۈەن ئىش ھەققىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ، دەپ ئالدامچىلىق قىلغان.

  جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مىللىي مۈلۈكنى توڭلىتىشنى بىكار قىلىش تۈرىدىكى ئالدامچىلىق جىنايى ھەرىكەتلىرى ئاممىنىڭ مال-مۈلۈك ھوقۇقىغا، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئوبرازىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا ئېغىر زىيان يەتكۈزدى. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى بۇ خىل جىنايەتكە قارىتا يۇقىرى بېسىملىق قاتتىق زەربە بېرىش ھالىتىنى ساقلاپ، يول ئېچىپ كۆپ خىل تەدبىرلەرنى تەڭ قوللىنىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئەتىنى ھەقىقىي قوغدايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى كەڭ ئاممىنى شۇنداق ئەسكەرتىدۇكى، دۆلىتىمىزدە ھېچقانداق مىللىي مۈلۈكنى توڭلىتىشنى بىكار قىلىش تۈرى ۋە ئالاقىدار تەشكىلات يوق بولۇپ، ئالدىنىپ قالماڭلار؛ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە، مىللىي مۈلۈكنى توڭلىتىشنى بىكار قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى يوللىغان، كۈشكۈرتكەن، تەشۋىق قىلغانلار ياكى ئالاقىدار ئۈندىدار توپى قۇرغانلار، ئەزا قوبۇل قىلغانلار، ھەق ئالغانلار، بېيجىڭغا كىرىپ يىغىلغانلارنىڭ ھەممىسى قانۇنغا خىلاپ جىنايەتكە چېتىشلىق بولۇپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى قانۇن بويىچە قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدۇ.

  مىللىي مۈلۈكنى توڭلىتىشنى بىكار قىلىش تۈرىدىكى 43 ئالدامچىلىق ساختا تۈرلىرى ۋە تەشكىلاتلار تۆۋەندىكىچە:

  1. مەملىكەتلىك مىللىي مۈلۈكنى توڭلىتىشنى بىكار قىلىش كومىتېتى

  2. جۇڭخۇا مىللىتى نامراتلارنى يۆلەش فوندى جەمئىيىتى

  3. جۇڭخۇا مىللىتى فوندى جەمئىيىتى

  4. جۇڭخۇا مىللىتى مېھىر فوند جەمئىيىتى

  5. مېيخۇا گۈلى جەمئىيىتى

  6. جۇڭخۇا مىللىتى 9-يول ئارمىيەسى تۈرى

  7. جۇڭگو ئارزۇسى باشلىنىش فوندى جەمئىيىتى

  8. خەلقئارا مىللىي مۈلۈكنى ئەڭ يۇقىرى توڭلىتىشنى بىكار قىلىش كومىتېتى

  9. خەلق تۇرمۇشى پاراۋانلىق فوندى جەمئىيىتى

  10. مەخسۇس نامراتلارنى يۆلەش، خەلق تۇرمۇشى پاراۋانلىق فوندى جەمئىيىتى

  11. جۇڭخۇا بوئەي چوڭ سىستېمىسى

  12. جۇڭگو ئالاقە تورى تۈرى

  13. نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش تۈرى

  14. مىللىي ئىسلاھات ئىشلىرى تۈرى

  15. دۆلەت نەرسە تورى تۈرى

  16. كوممۇنىستىك مەھەللە تۈرى

  17. كوممۇنىستىك جەمكارتا تۈرى

  18. سۇن جۇڭشەن نامراتلارنى يۆلەش فوندى جەمئىيىتى

  19. خەلققە بەخت يارىتىش خەير- ساخاۋەت فوندى جەمئىيىتى

  20. ئەيدېلى جەمەتى فوندى جەمئىيىتى

  21. رۇيىيۈەن فوندى جەمئىيىتى

  22. شەنشى خۇاشيا ياردەم بېرىش تۈرى

  23. خەير-ساخاۋەت بىلەن خەلقنى بېيىتىش باش ئىشتابى

  24. دەل جايىدا خەير-ساخاۋەت تۈرى

  25. جياڭلوڭ خەير-ساخاۋەت ئىتتىپاقى

  26. مىللىي مۈلۈكنى توڭلىتىشنى بىكار قىلىش ئاۋام غەملەش فوندى

  27. ئاسىيا مەبلەغ سېلىش بانكىسى كېڭىشىنىڭ تەكلىپ قىلىش تۈرى

  28. سەنمىنچېڭ تۈرى

  29. خان جەمەتى مال-مۈلۈك تۈرى

  3. جۈلوڭ خەلقئارا تۈرى

  31. زاپاس قىسىم تۈرى

  32. خەيتاۋ نامراتلارنى يۆلەش كۈتۈنۈش سۇپىسى

  33. قىزىل ئون ئۆي فوندى جەمئىيىتى

  34. يەتىكەن ھەمبەھىر ئىتتىپاقى

  35. جيۇجيۇ بىرلىككە كەلتۈرۈش تۈرى

  36. نەرسە تورى تور رەقەملىك پۇل تۈرى

  37. كىشىلىك مېھىر-مۇھەببەت تۈرى

  38. Y باش ئىشتابى ئۇنىۋېرسال تۈرى

  39. يېشىل يۇپۇرماق چوڭ تۇرمۇش تۈرى

  40. ئەنشىن خەلق تۇرمۇشى تۈرى

  41. چىڭلوڭ پەرۋاز فوندى جەمئىيىتى

  42. بەش قىتئە ئىقلىم بىرلەشمە ھۆكۈمىتى

  43. خۇاڭ جەمەتى فوندى جەمئىيىتى

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر