باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياۋروپادىكى ئايروپىلان ياسىمىچىلىق كارخانىسى ئايروبۇس شىركىتى ئۇچۇر سىستېمىسىغا خايكېرلارنىڭ تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەنلىكىنى ئېيتتى

2019.02.01 15:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ياۋروپا ئايروپىلان ياسىمىچىلىق كارخانىسى ئايروبۇس شىركىتى 30-يانۋار: كارخانا سودا ئايروپىلانى تارمىقىنىڭ ئۇچۇر سىستېمىسى تور خايكېرلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى، تىجارەت تارماقلىرى تەسىرگە ئۇچرىمىدى، دېدى.

  ئايروبۇس شىركىتى باياناتىدا مۇنداق دېدى: خايكېرلار كۆپلىگەن سودا ئايروپىلانى كەسپىي سىستېمىسىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن بولۇپ، بىر قىسىم شەخسىي سانلىق مەلۇماتلارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك زىيارەت قىلغان، بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ياۋروپادىكى ياللانما خادىملارنىڭ ئىشخانا ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى ۋە سىستېما ھېسابات نومۇرى ئۇچۇرلىرى بولۇپ، كارخانا خايكېرلارنىڭ مۇئەييەن سانلىق مەلۇماتنى نىشان قىلغان-قىلمىغانلىقىنى تەكشۈرۈشكە كىرىشمەكتە.

  ئايروبۇس شىركىتى: بۇ تاجاۋۇزچىلىق ۋەقەسى سودا ئايروپىلانى تارماقلىرىنىڭ تىجارىتىگە تەسىر كۆرسەتمىدى، دېدى.

  ئايروبۇس شىركىتىنىڭ پۈتۈن دۇنيادا تەخمىنەن 129 مىڭ ياللانما خادىمى بار بولۇپ، قارىمىقىدا سودا ئايروپىلانى، مۇداپىئە ۋە ئالەم قاتنىشى ھەمدە تىك ئۇچار ئايروپىلاندىن ئىبارەت ئۈچ تارماق بار.

  فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئايروبۇس شىركىتى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ «ئادەتتىكى سانلىق مەلۇماتلارنى قوغداش نىزامى» بويىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقىغا بۇ قېتىمقى تاجاۋزچىلىق ۋەقەسىنى مەلۇم قىلىشى كېرەك ئىكەن. نىزامدا ئايروپىلان ياساش شىركەتلىرى بۇ خىل تاجاۋۇز قىلىپ كىرىش ۋەقەسىنى 48 سائەت ئىچىدە دوكلات قىلىپ ئەنگە ئالدۇرۇشى تەلەپ قىلىنغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر