باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

كىچىككىنە ئاتكىرىتكا ئارقىلىق قەلبداشلىقنى يەتكۈزۈش

2019.01.31 19:07         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى: 1-ئاينىڭ 26-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونىدىكى 13 مەكتەپنىڭ 700دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىسى «كىچىككىنە ئاتكىرىتكا ئارقىلىق قەلبداشلىقنى يەتكۈزۈش» — ھەر مىللەت باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ پوچتا يەتكۈزۈش پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، بېيجىڭ، شاڭخەي، خاڭجوۋ قاتارلىق توققۇز شەھەردىكى كىچىك دوستلارغا يېڭى يىللىق سالام يوللىدى.

  1-ئاينىڭ 26-كۈنى سائەت 16:00 دە، مۇخبىر پائالىيەتنىڭ بىر نۇقتىسى بولغان ئۈرۈمچى شەھەرلىك 15-باشلانغۇچ مەكتەپكە كەلدى. ئوقۇغۇچىلار شۇنداق ئەستايىدىللىق بىلەن ئاتكرىتكىلارغا سۆز يېزىۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئاتكرىتكىلىرى خاڭجوۋ سىفەن داشۆسى قارىمىقىدىكى ۋۇچاڭ مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتىپىگە يوللىنىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇلتۇر 11-ئاينىڭ باشلىرىدا، تىيانشان رايونلۇق مائارىپ ئىدارىسى ھەرقايسى باشلانغۇچ مەكتەپلەرنى «رەڭدار تىيانشان» رەسىم توپلاش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللىگەن بولۇپ، ئاخىرىدا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى سىزغان 400 نەچچە پارچە رەسىم ئىچىدىن 48 پارچىنى تاللاپ، ئاتكرىتكا قىلىپ ياسىغان.

  «ئوقۇغۇچىلار ئۆز نەزەرىدىكى يۇرت-ماكانىنى قولىدا سىزىپ چىقتى، رەسىملەر ئاتكىرىتكا قىلىپ ياسالغاندىن كېيىن، ئۇلار ئۈستىگە ئۆز تىلەكلىرىنى يېزىپ، ئىچكىرى ئۆلكىدىكى كىچىك دوستلارنى تەكلىپ قىلىدۇ، بۇنىڭدا تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك بولىدۇ» دېدى تىيانشان رايونلۇق مائارىپ ئىدارىسى ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ شۇجسى ما ياڭ. نۆۋەتتە، تىيانشان رايونىدىكى 13 باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى تىلەكلىرىنى يازغان ئاتكرىتكىلار بېيجىڭ، شاڭخەي قاتارلىق توققۇز شەھەردىكى 15 مەكتەپكە يوللانغان. بۇ پائالىيەتتە يەنە داۋاملىق تۈردە 20 مىڭ پارچە ئاتكرىتكا پۈتۈن مەملىكەتتىكى 20دىن ئارتۇق مەكتەپكە يوللىنىپ، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى كىچىك دوستلار شىنجاڭنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى بىلەن ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ھېس قىلىشقا تەكلىپ قىلىنىدىكەن. بۇ ئارقىلىق شىنجاڭ بىلەن ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزئارا ئالاقىسى چوڭقۇرلاپ، دوستلۇقى مۇستەھكەملىنىدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر