باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ چاغان ھارپىسىدا بېيجىڭدا ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئاممىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى

كادىرلار، ئاممىغا چاغانلىق گۈزەل تىلەكلەرنى تىلىدى، ھەر مىللەت ئاممىسىغا بەخت، ئامانلىق ۋە سالامەتلىك تىلىدى، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ گۈللىنىشىگە قۇت تىلىدى، خەن جېڭ تەكشۈرۈشتە بىللە بولدى

2019.02.02 15:08   مەنبە: خەلق تورى

شى جىنپىڭ چاغان ھارپىسىدا بېيجىڭدا ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئاممىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى

  ■ بىر شەھەرنىڭ تارىخىي ئىزناسى، مەدەنىيەت ئاسار ئەتىقىلىرى، ئادىمىيەت ئاساسى، شەھەر ھاياتىنىڭ بىر قىسمى ھېسابلىنىدۇ. مەدەنىيەت ئاساسى نابۇت بولسا، شەھەرنى قانچىكى يېڭى، ياخشى قۇرغان بىلەنمۇ ھاياتىي كۈچى بولمايدۇ. قەدىمىي شەھەر رايونلىرىنى ئۆزگەرتىپ يېڭىلاشنى تارىخىي ئىزنالارنى قوغداش، تارىخنىڭ جان تومۇرىنى قوغداش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، خەلقنىڭ تۇرالغۇ مۇھىتىنى ياخشىلاش بىلەن بىرگە، تارىخنىڭ مەدەنىيەت ئاساسىنى قوغداپ، تارىخىي مەدەنىيەت بىلەن زامانىۋى تۇرمۇشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش كېرەك.

  ■ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى. قىشلىق مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش ئاسان قولغا كەلمىگەن، مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ئىگە، بۇ، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا يۈكسەك ئۇيغۇنلاشقان بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى بېيجىڭنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشتى. بېيجىڭ خەلقئارادا يازلىق ۋە قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈپ باققان بىردىنبىر «قوش ئولىمپىك شەھىرى»گە ئايلىنىدۇ. بىز سۆزىمىزگە ئەمەل قىلىپ، قىلغان ئىشىمىزدا چوقۇم نەتىجە قازىنىپ، خىزمەتلەرنى پۇختا، ئەمەلىي ئىشلەپ، ھەربىر قەدەمدە ئىز قالدۇرۇپ، تەنتەربىيە مېدالىغا ئېرىشىپلا قالماستىن، يەنە روھ مېدالى، پاكلىق مېدالى ئېرىشىپ، دۇنياغا بەرگەن تەنتەنىلىك ۋەدىمىزنى نەقلەشتۈرىشىمىز كېرەك. قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېينىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم تۇتقا، چوقۇم بىر تۇتاش پىلانلاپ، بىر تۇتاش يولغا قويۇپ، بېيجىڭ بىلەن خېبېينىڭ تەكشى تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى چوشقا يىلىلىق چاغان يېتىپ كېلىش ھارپىسىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئاممىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تەييارلىق خىزمىتىنى تەكشۈردى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلققە چاغانلىق گۈزەل تىلەكلەرنى تىلىدى، ھەر مىللەت ئاممىسىغا بەخت، ئامانلىق ۋە سالامەتلىك تىلىدى، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ گۈللىنىشىگە قۇت تىلىدى.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تەييارلىق خىزمىتىنى تەكشۈرۈشتە بىللە بولدى.

  قىشتىكى بېيجىڭدا قۇياش پارقىراپ چىقىپ، ئاسمان سۈپسۈزۈك ئىدى. 2-ئاينىڭ 1-كۈنى، شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى سەي چى ۋە شەھەر باشلىقى چېن جىنىڭنىڭ ھەمراھلىقىدا، ئورگان، مەھەللە، قىشلىق مەشىق مەركىزىگە چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئاممىغا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقىنى يەتكۈزدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى.

  چۈشتىن بۇرۇن، رەئىس شى جىنپىڭ ئالدى بىلەن بېيجىڭ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىغا بېرىپ، بىرلىشىپ جەڭ قىلىش قوماندانلىق مەركىزى ۋە قوماندانلىق زالىغا كىرىپ، چوڭ ئېكران ئارقىلىق ۋەزىپىگە قوماندانلىق قىلىش-ئورۇنلاشتۇرۇش، چارلاش ساقچى ئىشلىرى، كۆرۈنمە چاستوتا ساقچى ئىشلىرى، رايون ساقچى ئىشلىرى ھەمكارلىقى ۋە بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېي ساقچى ئىشلىرىنىڭ ماس تەرەققىياتى قاتارلىق خىزمەت ئەھۋاللىرىنى چۈشەندى. شى جىنپىڭ قوماندانلىق زالىدا سىن ئۇلانمىسى ئارقىلىق 1-سەپتە ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان خەلق ساقچىلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى، ئۇلارغا بىخەتەرلىكىگە دىققەت قىلىپ، سالامەتلىكىنى ئاسراشنى تاپىلىدى، شۇنداقلا پۈتۈن مەملىكەتتىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى كادىر-ساقچىلىرىغا چاغانلىق تىلەك تىلىدى. بېيجىڭ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ چوڭ زالىدا، شى جىنپىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى قەھرىمانلىرى، نەمۇنىچىلىرى ۋە كادىر-ساقچى ۋەكىللىرى بىلەن بىرمۇبىر قول ئېلىپ كۆرۈشتى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بايرام مەزگىلىدىكى پۈتۈن مەملىكەت، بولۇپمۇ پايتەختنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدۇ، بۇ خەلقنىڭ چاغاننى تىنچ-ئامان ياخشى ئۆتكۈزۈشى ئۈچۈن. بۇ يىل جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، پايتەختنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشتا بېيجىڭ شەھىرىنىڭ بۇرچى شەرەپلىك، مەسئۇلىيىتى ئېغىر، ۋەزىپىسى مۈشكۈل. تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ۋەزىپىلەرنى قەتئىي ياخشى ئورۇنداپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى خاتىرجەم قىلىشى كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئاز بىر قىسىم ئۆلكىلەردىكى ئالاھىدە ئىش ئورنى ئوقۇتقۇچىلىرى تۇراقسىز بولماقتا
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئالتە ئۆلكىدىكى قىسمەن مەكتەپلەردە مەكتەپ ۋە سىنىپلاردا ئوقۇغۇچى زىيادە كۆپ ب…
    ·ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تىزىملىتىش يوللىرىنى كۆپەيتىپ، تىزىملىتىش ۋاقتىنى ئۇزارتىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىندى
    ·ئۆگىنىش تۈرىدىكى App كارخانىلىرى كەسىپ ئىنتىزامچانلىق تەشەببۇسنامىسى ئېلان قىلدى
    ·شىنجاڭدا ئوقۇغۇچىلارنى ئوقۇتۇش قوشۇمچە ماتېرىيالى سېتىۋېلىشقا مەجبۇرلاشقا بولمايدۇ
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، زىيانلىق APP دېتاللىرىنىڭ ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە كىرى…
    ·ھەر بىر ئوقۇغۇچى ھەر مەۋسۇمدە ئاز دېگەندە ئىككى قېتىم مۇنەۋۋەر فىلىملەرنى ھەقسىز كۆرۈشى كېرەك 
    ·«پىسخىكىسى كۈچلۈك بالىلار»نى تەربىيەلەپ چىقىشتىكى بەش قائىدە
    ·ئۆزگىچە ئۇسلۇبتا شىنجاڭ بويىچە ئۈلگىلىك مەكتەپ بەرپا قىلدى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ ئىشقا ئورۇنلاشسا، ئا…