سۈرەتتە: 1-ئاينىڭ 31 كۈنى، كورېيە سىئولدا، بىر ئېكسكۇرسىيەچى كۆرگەزمە نەق مەيدانىدا، كۆرگەزمە قىلىنغان رەسىمنى سۈرەتكە تارتماقتا.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشىنىڭ 40 يىللىقى باش تېمىسىدىكى كۆرگەزمە» رەسىملەر كۆرگەزمىسى 31-يانۋار سىئولدىكى كورېيە پارلامېنت ئەزالىرى ئۇيۇشمىسى سارىيىدا باشلاندى. سۈرەتلەر كۆرگەزمىسىدە 130 پارچىگە يېقىن نەپىس سۈرەتلەر تاللىنىپ «تارىخىي ئىز»، «تەرەققىيات نەتىجىلىرى»، «ھەمكارلىق، ئورتاق پايدا ئېلىش» تىن ئىبارەت ئۈچ ئاساسىي تېمىغا بۆلۈپ جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىلگەن 40 يىلدىن بۇيان بېسىپ ئۆتكەن شانلىق مۇساپىسى ۋە جۇڭگونىڭ دۆلەت قۇرۇلۇشى ۋە تاشقى ھەمكارلىق جەھەتتە قولغا كەلتۈرگەن غايەت زور نەتىجىلىرى ئومۇميۈزلۈك تونۇشتۇرۇلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى