خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 31- يانۋار خەلق سارىيىدا خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى باخ بىلەن كۆرۈشتى.شى جىنپىڭ باخ ۋە خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان جۇڭگونىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكىتى ۋە تەنتەربىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى پائال قوللاپ، تەنتەربىيە ۋە ئولىمپىك تەنھەرىكىتى ئارقىلىق دۇنيا تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكىگە ئاپىرىن ئوقۇدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تەييارلىق خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. نۆۋەتتە، تۈرلۈك خىزمەتلەر پۇختا ۋە تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. بىز چوقۇم پائال تىرىشىپ، دۇنياغا بىر قېتىملىق يېشىل، ئورتاق بەھرىلىنىدىغان، ئېچىۋېتىلگەن ۋە پاك ھالدىكى قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى نامايان قىلىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، رەئىس باخنىڭ قىممەتلىك تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بىر دۆلەتتە ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ ئومۇملىشىشى ھەمدە ئۇنىڭ خەلقئارا تەنتەربىيە ھەمكارلىقىغا قاتنىشىش دەرىجىسى بولسا، ئۆز نۆۋىتىدە شۇ دۆلەتنىڭ زامانىۋىلىشىش دەرىجىسىنىڭ مۇھىم بەلگىسى ھېسابلىنىدۇ. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو خەلقىنىڭ ساغلاملىق ساپاسى زور دەرىجىدە ئۆستى. جۇڭگو دەسلەپكى مەزگىلدىكىدەك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشالمايدىغان ھالەتتىن ئۆزگىرىپ، ھازىرقىدەك نۇرغۇنلىغان ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقە تۈرلىرى ئىچىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان ھالەتنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئالدىنقى ئورۇندا تۇرماقتا.بۇ جۇڭگونىڭ دۆلەت تەنتەربىيەسى ۋە كۈچىنىڭ تەرەققىي قىلغانلىقىنىڭ مۇھىم ئىپادىسىدۇر. قار ـ مۇز تەنھەرىكىتىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، خەلقنىڭ تەن ساغلاملىقىنى ئاشۇرۇش بولسا، جۇڭگونىڭ «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانى بىلەن ماس كىلىدۇ. بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش ئۆز نۆۋىتىدە يەنە جۇڭگونىڭ تەنتەربىيەدە خەلقئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشىنى يېڭى پۇرسەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى