باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇنسىز مەبلەغ توپلاش دېلوسىغا چېتىشلىق پۇل-ماللارنى قانۇن بويىچە تاپشۇرغۇزىدۇ ۋە ئۇلارنى بىر تەرەپ قىلىدۇ

2019.01.31 15:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 30- يانۋار،ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى باشلامچى بولۇپ، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى بىلەن بىرلىكتە «قانۇنسىز مەبلەغ توپلاش جىنايى ئىشلار دېلولىرىغا دائىر بىرقانچە مەسىلە توغرىسىدىكى پىكىر»نى رەسمىي بېسىپ تارقاتتى ۋە يولغا قويماقچى بولدى. ئۇنىڭدا، قانۇنسىز مەبلەغ توپلاپ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش جىنايەتلىرىگە بولغان قانۇن ئىجراسىدىكى قانۇن يۈرگۈزۈش جەريانىدا نۆۋەتتە ساقلىنىۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە قارىتا، ئەمەلىي قانۇن ماددىلىرىنى تەتبىقلاش، دەۋا تەرتىپى، سىياسەتنى ئىگىلەش ۋە خىزمەت مېخانىزمى قاتارلىق تۆت جەھەتتىن بەلگىلىمە چىقىرىلدى.

  قانۇن يۈرگۈزۈش ئەمەلىيىتىدە، دېلوغا چېتىشلىق مال-مۈلۈكلەرنى تاپشۇرتقۇزۇش ۋە مۈلۈكنى بىر تەرەپ قىلىش رەسمىيىتى بولسا، قانۇنسىز مەبلەغ توپلاشتەك جىنايى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى قىيىن جەھەت ھېسابلىنىدۇ. مەزكۇر «پىكىر»دە، دېلو بىجىرگۈچى ئورگانلارنىڭ دېلوغا چېتىشلىق مال-مۈلۈكلەرنى تاپشۇرتقۇزۇش ۋە مۈلۈكنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىگە قارىتا كونكىرىت تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئالى سوت مەھكىمىسى جىنايى ئىشلار 3- كوللېگىيىسىنىڭ مۇئاۋىن كوللېگىيە باشلىقى جياڭ يوڭيى مۇنداق دېدى: ھازىر «قانۇنسىز مەبلەغ توپلاش جىنايى ئىشلار دېلولىرىغا دائىر بىرقانچە مەسىلە توغرىسىدىكى پىكىر» دېگەندەك تەدبىرلەر ئارقىلىق، دېلوغا چېتىشلىق پۇل-ماللارنى تاپشۇرغۇزۇش ۋە بىر تەرەپ قىلىش مەسىلىسى ھەققىدە بەلگىلىمە چىقىرىلدى، يەنى جامائەتتىن يىغىۋېلىنغان مەبلەغلەرنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەت ھېسابلىنىدىغانلىقى، ئۇلارنى چوقۇم قايتۇرۇۋېلىش ياكى تۆلىتىشكە بۇيرۇش كېرەكلىكى ئېنىق كۆرسىتىلدى؛ ئۇنداق دېلولارنى سوت قىلغاندا، تېخى تاپشۇرمىغان ياكى تولۇق تاپشۇرمىغان ئۇ خىل قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەتلەرگە قارىتا، سوت مەھكىمىسى ھۆكۈم چىقىرىپ داۋاملىق تاپشۇرتقۇزۇش ياكى تۆلەشكە بۇيرۇش كېرەك. دېلوغا چېتىشلىق دەپ قارىلىپ پېچەتلەنگەن، تۇتۇپ قېلىنغان ۋە توڭلىتىلغان پۇل-ماللارنى دەۋا رەسمىيىتى ئاخىرلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، مەبلەغ توپلاشقا قاتنىشىپ پۇل تاپشۇرغۇچى پۇل-ماللار ئىگىلىرىگە قايتۇرۇپ بېرىلىش كېرەك. دېلوغا چېتىشلىق مال-مۈلۈكلەرنى تولۇق قايتۇرۇپ بېرىشكە يېتىشمىگەندە، مەبلەغ يىغقۇچىنى توپلىغان مەبلەغلەرنى نىسبەت بويىچە قايتۇرۇپ بېرىشكە بۇيرۇش كېرەك؛ مەبلەغ توپلاشقا قاتنىشىپ پۇل تاپشۇرغۇچىنىڭ زىيىنىنى قايتۇرۇپ بېرىپ تۆلەش ئىشىنى چوقۇم باشقا ھەق تەلەپ قەرزلىرى، جەرىمانە ۋە مال-مۈلۈكلەرنى مۇسادىرە قىلىش دېگەندەك ئىشلارنىڭ ئالدىغا قويۇپ ئالدى بىلەن ئىجرا قىلىنىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر