1-ئاينىڭ 30-كۈنى، شۈيى ناھىيەلىك ئادەم كۈچى بايلىقى بازىرىدا، يۇرتىغا قايتقان دېھقان ئىشلەمچىلەر خىزمەت ئىزدەش يىغىنىدىن خىزمەت ئۇچۇرى ئىگىلىمەكتە.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ كۈنى، جياڭسۇ ئۆلكىسى خۇەيئەن شەھىرى شۈيى ناھىيەسى 2019-يىللىق «چاغاندا ئىش ئورنى سوۋغا قىلىش» كارخانىلارنىڭ ئادەم تەكلىپ قىلىش يىغىنىنى ئۇيۇشتۇردى، 100دىن ئارتۇق كارخانا 4000 ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەپ، يۇرتىغا قايتقان دېھقان ئىشلەمچىلەرنى كېلىپ مەسلىھەت سوراش، خىزمەت ئىزدەشكە جەلپ قىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى