باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تۈرلۈك ئامىللارنىڭ چەكلىمىسىدە، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ كەلگۈسىدىكى ئالەم قاتنىشى ھەمكارلىقى يەنىلا نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرايدۇ

2019.01.31 15:37         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئالەم قاتنىشى ھەمكارلىقى ئامېرىكا پارلامېنتى 2011-يىلى ماقۇللىغان «ۋولف شەرتنامىسى»نىڭ چەكلىمىسى ئۇچراپ، ئۇزاق مۇددەت مۇزدەك تۇردى. ھالبۇكى، جۇڭگونىڭ چاڭئې 4-نومۇرلۇق ئۇچقۇسى ئايغا مۇۋەپپەقىيەتلىك قونغاندىن كېيىن، ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى جۇڭگو بىلەن ھەمكارلىشىۋاتقانلىقىنى ھەمدە 1-ئاينىڭ 31-كۈنى ئۆزلىرىنىڭ ئاي شارىنى تەكشۈرۈش ئۇچقۇسىدىن پايدىلىنىپ، چاڭئې 4-نومۇر قونغان جاينى سۈرەتكە تارتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

  بۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بايانات ئېلان قىلىپ تۇنجى قېتىم جۇڭگو بىلەن ئالەم قاتنىشى ساھەسىدە ھەمكارلىششنى تىلغا ئېلىشى. تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكىنىڭ ھەمكارلىشىش خاھىشى تۇيۇقسىز پەيدا بولغان ئەمەسكەن، ھۆكۈمەتتىن ئىلىم ساھەسىگىچە ھەمكارلىشىش تۇپرۇقى تەيياركەن، لېكىن تۈرلۈك ئامىللارنىڭ چەكلىمىسىدە، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ كەلگۈسىدىكى ئالەم قاتنىشى ھەمكارلىقى يەنىلا نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرايدىكەن.

  جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئالەم قاتنىشى ھەمكارلىقى تىلغا ئېلىنسا ئەڭ چوڭ چەكلىمىلەرنىڭ بىرى بولغان «ۋولف شەرتنامىسى»مۇ چوقۇم تىلغا ئېلىنىدۇ. ئامېرىكىنىڭ سابىق پارلامېنت ئەزاسى ۋولف تۈزگەن شۇنداقلا ئىلگىرى سۈرگەن بۇ شەرتنامە، قانۇن چىقىرىش شەكلى بىلەن جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ قوش تەرەپلىك ئالەم قاتنىشى ھەمكارلىقىنى چەكلەپ تۇرماقتا.

  ئەمەلىيەتتە ۋولف شەرتنامىسىنى ئاساسلانغاندا مۇمكىنچىلىكنى مۇستەسنا دېيىشكە بولمايدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى پارلامېنت ۋە قوشما ئىشتات تەكشۈرۈش ئىدارىسىنى «جۇڭگو بىلەن ئالاقە باغلاش ۋە ھەمكارلىشىش تېخنىكا، سانلىق مەلۇمات ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە، ئىقتىسادىي بىخەتەرلىككە چېتىلىدىغان باشقا ئۇچۇلار جۇڭگو ياكى جۇڭگو شىركەتلىرىگە ئېقىپ كېتىدىغان خەۋپ يوق» دېگەنگە كۆندۈرۈشى كېرەك.

  ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى توماس: بۇ قېتىمقى ھەمكارلىق ئامېرىكا پارلامېنتىنىڭ تەستىقىغا ئېرىشتى، دېدى. ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى ئەڭ يېڭى باياناتىدا تەكىتلەپ: بۇ قېتىمقى ھەمكارلىققا ئالاقىدار ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ بارلىق سانلىق مەلۇماتى ئاشكارە، جۇڭگو بىلەن ئورناتقان ھەمكارلىقمۇ ئاشكارە، ئۆز ئارا نەپ يەتكۈزدىغان ھەمكارلىق، دېدى.

  ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى: چاڭئې 4-نومۇرلۇق ئۇچقۇ تارتقان سۈرەت كېيىنكى ئالەم ئۇچقۇلىرىنىڭ ئايغا قونۇشىنى تەتقىق قىلىشنى پايدىلىنىش ماتېرىيالى بىلەن تەمىنلەيدۇ، دېدى. ئامېرىكا 2030-يىلىدىن بۇرۇن ئايغا ئادەملىك قونۇپ، ئاي يۈزىنى ئىلمىي تەكشۈرۈشنى پىلانلىدى. جۇڭگو 2019-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن چاڭئې 5-نومۇرنى قويۇپ بېرىپ، رايوندا يۇمشاق قونۇش ۋە ئەۋرىشكە ئېلىپ قايتىشنى پىلانلىدى. ئامېرىكا دۆلەتلىك ئالەم قاتنىشى كومىتېتىنىڭ ئىجرائىيە كاتىپى سىكورت پېس: شۇ ۋاقىتتا جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئاي تۇپرۇقىنى ئالماشتۇرۇش مۇمكىنچلىكىنى يوق دېيىشكە بولمايدۇ، دېدى.

  ئەمەلىيەتتە، ئامېرىكىنىڭ ھەمكارلىق خاھىشى تۇيۇقسىز پەيدا بولغان ئەمەس.

  ئۆتكەن يىلقى خەلقئارا ئالەم قاتنىشى يىغىنىدا، ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جىم بېردېنىستىن «جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا چاڭئې 4-نومۇر ئەۋەتكەن سانلىق مەلۇماتتىن تەڭ بەھرىلەنسە» دەپ تەكلىپ بېرىپ: بۇ دەسلەپكى ئىشەنچ ئورنىتىش تەدبىرى بولۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ يەنە بىر قەدەم تاشلىشىنىڭ مۇھىم تەرتىپى، دېگەن.

  2010-يىلى، شۇ ۋاقىتتىكى ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولتون: ئامېرىكىدىن باشقا شېرىك دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى جۇڭگو بىلەن سۆزلىشىۋاتىدۇ، جۇڭگونى يېتىم قالدۇرۇش ئاسماندىكى غاز شورپىسىغا نان چىلاپ يىگەنلىك، ئەكسچە ئامېرىكا يېتىم قېلىشى مۇمكىن، دېگەن.

  ئامېرىكىنىڭ ئىلىم ساھەسىدە جۇڭگو بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىش ساداسى ئىنتايىن كۈچلۈك.

  ۋولوف شەرتنامىسى چىقىرىلغاندا، ماسسا چوستېس تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى شۆيۈەنىنىڭ ئالىملىرى: بۇ كەمسىتىش خاراكتېرىدىكى قارار، ئامېرىكا چوقۇم زىيان تارتىدۇ، دېگەن. 2014-يىلى، ئامېرىكا ئادەملىك ئالەم قاتنىشى كومىتېتىنىڭ نۇرغۇن ئالىملىرى بايانات ئېلان قىلىپ: جۇڭگونىڭ بوشلۇق ئىقتىدارى جەھەتتە تېز تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنى كۆزدە تۇتقاندا، جۇڭگونى كەلگۈسىدىكى خەلقئارا ھەمكارلىق تۈرىگە كىرگۈزۈش ئامېرىكىنىڭ ئەڭ چوڭ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن، دېگەن.

  كەلگۈسىدە جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ھەمكارلىقى ھازىرقى ئاي شارى تۈرىدىن ھالقىپ كېتىدىغان بولسىمۇ، لېكىن پېسنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم ئەمەلدارلار ۋە ئالەم بوشلۇق سىياسىتى مۇتەخەسسىسلىرى جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ھەمكارلىقىغا ھەم ئېھتىياتچان ھەم ئۈمىدۋار پوزىتسىيەدە بولدى. جامائەتچىلىك: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئالەم قاتنىشى ھەمكارلىقىنىڭ ئىستىقبالىنىڭ پارلاق بولۇشى ناتايىن، دېيىشتى. بىرىنچىدىن، چاڭئې 4-نومۇرنىڭ ئايغا قونۇپ كۆزىتىش ۋەزىپىسىدە جۇڭگو ئاساسلىقى ئالەم قاتنىشى ۋەزىپىسىنى تاماملىدى، ئامېرىكا بولسا قونغاندىن كېيىنكى سانلىق مەلۇماتقا ئىگە بولدى، ئىككى تەرەپنىڭ چوڭقۇر قاتنىشىش ۋە بوشلۇق تەتقىقاتى ھەرىكىتىدە مەلۇم پەرقى بار.

  ئىككىنچىدىن، ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ بوشلۇق تەتقىقاتى سىياسىدە دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەت ئاساسىي تەتقىقاتتىن ئەلا تۇرىدۇ. ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى 2019-يىللىق مالىيەت خامچوتى دوكلاتىدا: يەر شارى-ئاي شارى ئىستراتېگىيەسى ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ «ئايغا بېرىش، ئاينى ئايلىنىش ۋە ئايغا قونۇش»تىن ئىبارەت ئۈچ جەھەتتىكى ئۈستۈنلۈكىگە كاپالەتلىك قىلىش لازىم» دەپ ئوتتۇرىغا قويدى.

  بۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بوشلۇقنى ھەربىيلەشتۈرۈش ئىستراتېگىيەسىمۇ جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئالەم قاتنىشى ھەمكارلىقىغا توسقۇنلۇق قىلىشى مۇمكىن.

  ئامېرىكا گىيورگى ۋاشىنگتون داشۆسى بوشلۇق سىياسىتى تەتقىقاتخانىسىنىڭ مۇدىرى ھىنرىي: ئۇچۇردىن تەڭ بەھرىلىنىدىغان ئاي تەتقىقاتى بازىرىسى قاتارلىق يۈكسەك ئىدارىلىك ھەمكارلىق تۈرلىرىگە نىسبەتەن، ئامېرىكىنىڭ ھازىرقى چەكلەش بۇيرۇقى ھەل قىلىش ئىنتايىن تەس بولغان قىيىنچىلىق ھېسابلىنىدۇ، دېدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر